خىيالچان تىلەك 
  -ئابلىكىم ئابلەت (ئەرتۈرك )
بۇلۇتلار دەردىنى تۆكتى دىڭىزغا ،
يۇتقاچقا ئىچىگە پۈتمەس ئەلەمنى .
تەقدىرىم ئۈستىدە ئويلىنىپ ئاخىر ،
يەنىلا  قولۇمغا  ئالدىم  قەلەمنى .
          *          *
ماڭدىم مەن نشانسىز يوللار ناتونۇش ،
چىلىقتى كۆزۈمگە  كۆمۈلگەن  ئىزلار .
ئاڭلاندى  يىراقتىن تونۇش  بىر سادا ،
دات باسقان قەلىبتىن چىققان ئاھۇ زار .
          *          *  
شۇ سەۋەپ خىيالغا پاتتىم مەن ئۇزاق ،
ئۇپۇققا  تۇتاشقان  كەچمىش  ئىچىدە  .
قەلبىمدە  بىر  تۇيغۇ  سۈرىدۇ  ھۆكۈم ،
شۇ سىرداش ھەمرايىم زۇلمەت كىچىدە .
          *          *   
بارغانچە ئۆزۈمدىن كەتتىم يىراقلاپ ،
يىغلايدۇ  بۇلۇڭدا  غىرىپ بىر  ئارمان .
كەتكىنى كەتتىلەر ئەمدى بولدى بەس ،
تىرشسام  ئارزۇغا  يىتىمەن  ھامان ...
         27-11-2016
      
| 128 قېتىم كۆرۈلدى | Ablikim | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-28 1:23:30 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
| 2016-12-10 1:54:54 | guzalnur | 
| yahxi yezipsez kalimigiz astidin tehimu kop yahxi asarlar qikkay | |
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |