زۆرۈرنامە

زۆرۈرنامە

 

(mustafa)ئابدۇسالام قول يازمىسى

 

 ئ‍ويلىنىش تەپەككۇر قىلماقلىق زۆرۈر ،

 پەم بىلەن قەدەمنى باسماقلىق زۆرۈر.

 ئ‍ەقىلنى ھەر جايدا ئ‍ىشلەتمەك كېرەك،

 گۇناھتىن ئ‍ۆزىنى تارتماقلىق زۆرۈر .

 

توغرا يول قاتارى ماڭماقلىق زۆرۈر ،

ھەق يولدا مەيداندا تۇرماقلىق زۆرۈر.

 بىتابلىق كېسەلدىن قاچماقلىق كېرەك،

 روھى پاك دۇنيادا يۈرمەكلىك زۆرۈر.

 

 ئىنسانغا چىن مېھىر بەرمەكلىك زۆرۈر،

 دەرت ئازاپتا بىرگە بولماقلىق زۆرۈر.

بۇ يولدا ساداقەت كۆرسەتمەك كېرەك،

 لازىم بولسا قۇربانلىق بەرمەكلىك زۆرۈر.

 

 A1832025777





133 قېتىم كۆرۈلدى mustafa ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-20 1:23:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ