سەن ئالدىمدا دائىم تاتلىق كۈل
تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى
سەن ئالدىمدا دائىم تاتلىق كۈل ،
بىلىنىسەن شۈنچە سۆيۈملۈك .
مېنىڭ ھالىم بولمايدۇ مۈشكۈل ،
ۋىسال پەيتى ئۆتۈپ كۆڭۈللۈك .
قاپىغىڭدىن ياغدۇرمىغىن قار ،
بۇنداق ئىشنى ئەسلا كۆرگۈم يوق .
گۈل چېھرىڭدە نۇرلانسا باھار ،
بولار ئۆمۈر مەنزىلىم يورۇق .
ئۆمۈر قىسقا ،قىممەتلىك ھايات ،
بېرەر ئاڭا مۇھەببەت مەنا .
سېنىڭ ئىشقىڭ روھىمغا قانات ،
كۈلۈپ سۆيگىن ئايانماي رەنا !
نىگاھىڭدىن بالقىسۇن قۇياش ،
ۋۇجۇدۇمغا بېغىشلاپ ئاپتاپ .
ئاتا قىلغىن مېھىر ۋە ئاياش ،
كەتسۇن مىسكىن يۈرىگىم ياشناپ .
سەن ئالدىمدا دائىم تاتلىق كۈل ،
چاڭقاق سۆيگۈم تاپسۇن قانائەت .
لەۋلىرىڭدىن ئېچىلدۇرۇپ گۈل ،
بەخىش ئەتكىن بەخت -پاراغەت .
ئاپتور :بورتالا شەھەرلىك رادىئو -تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىدىن
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى
| 2985 قېتىم كۆرۈلدى | xeydayi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-14 20:36:53 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|