سىز مېنىڭ بەختىم (شېئىر) - ئايگۈزەل مەمەتنىياز

 سىز مېنىڭ بەختىم
ئايگۈزەل مەمەتنىياز


ئەيمىنىش ئىلكىدە تۇتۇپقولۇمنى،
يېتىلەپ ماڭدىڭىز بەخت يولىنى.
تىنماستىن پىچىرلار سۆيۈنۈپ يۈرەك،
بەختىڭدۇرئۇسېنىڭ، بىلىشىڭ كېرەك.

بەختنىڭ شۇ داغدام يوللىرىدا بىز،
ھەمدەمدۇر يۈرەكتىن سۆيگەن يارىمىز.
تىلىكىم، ساقلىسۇن يامان كۆزلەردىن،
بىزلەرگە بۇ ئوتنى سالغان ئىگىمىز.

سىز بىلەن ئۆتكىنى ئەڭ خۇشال ۋاقتىم،
خۇشاللىق ئىلكىدە يايرايدۇ قەلبىم.
گەر بىلمەك بولسىڭىز كۆڭۈل سىرىمنى،
بىرلا سۆز ئاشىقىم، سىز مېنىڭ بەختىم.
     





58 قېتىم كۆرۈلدى ئايگۈزەل مەمەتنىياز ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-7 2:24:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ