مۈشكۈل «غەزەل »

مۈشكۈل «غەزەل »

 

ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى تاجىك

 

 ھۇتنى باھار دېمىگىن ، باھارنىڭ كەلمىكى مۈشكۈل ،

 كىلىپ قالسا چىمەن باھار ، تۇزان بوپ كەتمىكى مۈشكۈل.

 

 شۇنداق قۇشلار كىلىدۇكى پەر - قانىتى ئالتۇن مىسال،

 ئالتۇنى كۆزىدە كۆرۇپ، ئاڭا قول سۇنمىقى مۈشكۈل.

 

 قويۇپ بەر يازنى مەيلىگە ئۇچۇپ يۇرسۇن جاھان ئارا،

 زېمىستان قۇينىدىن يازنىڭ يۇمشاق نان تاپمىقى مۈشكۈل.

 

 ئېشىقنىڭ جاپاسى چاقماق سۇقىدۇ ھەركىمنى ھەرچاغ ،

ئېشىق بالاسى بىر جەڭگاھ ، جەڭگاھنىڭ ئاتىقى مۈشكۈل.

 

 ئۇركەشلەپ ئاقسىمۇ دەريا ، زەر- تاشلار قارنىنى يىرىپ ،

دوستلۇق شەۋكىتى ئالدىدا دەريانىڭ ئاقمىقى مۈشكۈل.

 

 2016 -يىل تاشقۇرغان





116 قېتىم كۆرۈلدى ejran ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-15 22:12:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ