بەرگەن سۈتۈمگە رازى ئەمەس
مىلىتسىيە
 بۇ  ئۇرۇن  بەك  راھەت  بۇلۇتتىن  ئىدى ،
چۈشۈمدە  بىرئىنسان  مىنى  سەن  دېدى ،
ئۇ  ئەسلى  منىڭكى  ئانا-جانىم ئىدى ،
بىر  كاچات  يۈزۈمگە  ئەپلەپلا  بەردى .
ئانام :
قېنىمنى  سۈت  قىلىپ   بەرگەنغۇ  ساڭا ،
سەن  ئۈچۈن  رۇخسارىم   تۇزىدى، سۇلاشتى ،
ھاياتى  ئالامدە  ياشىماي   تىنىم~  
بۇ  يېشىم  بىراقلا  مىڭغا   ئۇلاشتى ،
ئاچاڭنى  تاشلىدىڭ ،
نامىرات   كۈرۈپ ~
ئاكاڭنى  تاشلىدىڭ  ،
ساۋاتسىز  كۈرۈپ ،
ھەدەڭ  ھەم  تاغاڭلار   قالدى  بۇلۇڭدا ……
قېنىمنى  سۈت  قىلىپ  بەرگەنغۇ  ساڭا .
بوۋاممۇ  تۇنمىغان  يات  قانلىق  بىرىنى،
ئاكا  دەپ  ،ئاچامدەپ  بۇلاشتىڭ  ئۇنى،
داداڭنى  تاشلىدىڭ   ~
يالغۇز  كەپىگە ،
چىقىرىپمۇ   قويماپسەن   تۈمۈر   مەپىگە .
ۋېجدانلىق   بولسۇن  دەپ   بەرگەن  قېنىمنى ،
تۇغماققا  مەن  سىنى  كەشكەن  جېنىمنى .
…………
كىندىكىڭ  تۈكۈلگەن  قۇماق  تۇپراقتا،
قۇرغاقتىن  يېرىلىپ  تۇپا  ئۇشماقتا،
سەن  دەسسەپ  ئاكاڭنى ، قاغاپ  ئاچاڭنى، 
خەخلەرنىڭ  باغرىدا  زەپەر  قۇشماقتا.
~
بالاممەس  يۇقالسەن  مىنىڭ  كۆزىمدىن،
كۆزياشمۇ  قىلمىغىن  ئاچچىق  سۆزىمدىن،
رازىمۇ  ئەمەسمەن  بەرگەن  سۈتۈمگە، 
ھەممىنى  كۆرگىن  سەن  ئەمدى  ئۆزۈڭدىن .
~
مەن  ئەسلى  ئۇيۇققا   غەرىق  بولغانتىم،
بۇگەپلەر  مىنىڭگە  ئارتۇق  بولغانتى .
مىلىتسىيە
2016/10/18
     
| 269 قېتىم كۆرۈلدى | مىلىتسىيە | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-27 13:27:45 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
| 2016-12-2 10:45:41 | زىلاجىگۈل ، | 
| بەك ياخشى يېزىلىىپتۇ ، | |
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |