ئۇنتۇش ئاسانمۇ؟ - ئەكبەر ئەركىن

 ئۇنتۇش ئاسانمۇ
 ئەكبەر ئەركىن

يايرىغا تەلپۈنگەن ئۇشبۇ يۈرەككە،
زورلاش نە ھاجەت باشقا بىرىنى.
مۇھەببەت دېڭىزىغا چۆككەن ئاشىققا،
ئۇنتۇش ئاسانمۇ چىن سۆيگۈنى؟

سۆيگۈ،چاڭقىغان دىلغا بولۇر زەم-زەم،
مۇھەببەت كۆڭۈلدىن كۆتۈرۈلمەس ھەر دەم.
غېرىپنىڭ كۈتكىنى ئەمەسمۇ سەنەم،
ئۇنتۇش ئاسانمۇ چىن سۆيگۈنى؟

بولغۇسى ئىشەنىچ سۆيگۈنىڭ ئۇلى،
ئاشىقلار بولمىسۇن مۇھەببەت قۇلى،
غەيرى نىيەتتە سۆيگۈنىڭ يوق رولى،
ئۇنتۇش ئاسانمۇ چىن سۆيگۈنى؟

مەن ئىنسان ئەلۋەتتە مەندىمۇ سۆيگۈ بار،
كۆڭلۈم قېتىدىن ئورۇن ئالغان بىرى بار،
كۆڭلۈم يېرىم كۈنلىرى چۈچۈك سۆزى بار،
ئۇنتۇش ئاسانمۇ چىن سۆيگۈنى؟

      2016/9/28         ئۈندىدار:2629888235
     





56 قېتىم كۆرۈلدى akpar430 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-8 0:34:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ