ساختا دوسىت

ساختا دوسىت

 

 تۇرسۇنجان ھۈسەيىن

 

ساختا دوسىتنىڭ كۈلپەتلىرىدىن ،

 يۈرۈكۈمگە تولدى قان زەرداپ.

 ئەز قاتماستىن ئېغىر كۈنلەردە،

سوغا قىلدى پىغانلىق ئازاپ.

 

مەن كۈلگەندە قاپىقى تۈرۈك،

گەر يىغلىسام قاقاقلاپ كۈلدى.

 قان يىغلىتىش مەخسدى ئىكەن ،

 ئارمىنىمنى ئەۋرەزگە كۆمدى.

 

مەن ئۇنىڭغا گۈل–دەستە تۇتسام ،

ئۇ قايتۇرۇپ جەنجەر ئۇزاتتى.

شۇ دوسىت ئۈچۈن كۆيگەن يۈرەكنى،

 بۇ كۈملەردە ئەجەپ مۇزلاتتى. 

 

 ئەمدى تەنھا يۈرەي قۇش كەبى،

 يالغۇزلارمۇ ئۆلۈپ قالماپتۇ.

مەن دوسلۇققا شۇنچە ئىشەنگەن،

 ئەمما دوسىتتا ئۆمۈت قالماپتۇ .

 

2015-8-23





135 قېتىم كۆرۈلدى تۇرسۇ نجان ھۈسەيىن ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-24 0:31:41  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-30 10:24:40 gul
bu xeer nahayiti yahxe yizilip tu mazmunimu xundah yah xeka man bak yahturdum !!!!
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ