بەرسەم دەيمەن يۈرۈكۈمنى دادامغا
ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجا
تۇيدۇرمايلا چاپلىشىپتۇ بىر نىجىس،
ئايلاندۇرۇپ جان دادامنى بىمارغا.
دىئاگنۇز قويدى دوختۇر يۈرەك دەپ،
بەرسەم دەيمەن يۈرۈكۈمنى دادامغا.
ھاردۇق يەتكەن چېغى دەپتۇق بىلمەستىن ،
بەش بالىنى قوشۇپ مانا قاتارغا.
بوغۇلغاندا ھەربىر ئەركىن نەپەسلەر،
بەرسەم دەيمەن يۈرۈكۈمنى دادامغا.
قىزارتقاندەك جۇت كۆزىنى شۇم پەلەك ،
بىر جۇدالىق يۈكلىمەكچى ئانامغا.
قول قشتۇرۇپ تۇرۇش بەكمۇ قېيىنكەن،
بەرسەم دەيمە يۈرۈكۈمنى دادامغا. 
ياشلغىدا ئەجىرقىلىپ ئوتتۇز يىل،
پىنسىيىگە چىققىنىدا-ئارامغا.
خىتاپ قىلار تومۇردىكى قېنىممۇ،
بەرسەم دەيمەن يۈرۈكۈمنى دادامغا.
شىپاسىنى تىلەپ پەقەت ئاللاھدىن ،
يۈكۈنىمەن قول كۆتۈرۈپ دۇئاغا.
دىدىم دوختۇر بولسا ئەگەرچارىسى ،
بەرسەم دەيمەن يۈرۈكۈمنى دادامغا .
(ئاللاھ دادىڭىزنىڭ كىسىلىگە شىپالىق بەرسۇن! ھەممە ئاتىلارنى سالامەت قىلسۇن!...)
| 288 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجام | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-10-14 15:12:53 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |