ئاشىق نىداسى
خەدىچە
بۇ كىچە كۆزلەرگە ئۇيقا ھاراممۇ ،
ھىچ توختاي دىمەيدۇ سىغىنىش پىراق .
تىلفۇننى قويۇپلا سىغىندىم شۇنچە ،
ئۇنچىلىك قىلغۇچە ئال جاننى بىراق .
كۆزلەردە شۇ تونۇش سۆيۈملۈك سىما ،
قالغىنى ناتونۇش،ناتونۇش شۇنچە .
قۇلاققا كىرمەيدۇ ھىچبىر يات ئاۋاز ،
سەن جاننىڭ ئاۋازى جاراڭلىق شۇنچە .
كۆزلەرنى توسايدۇ خىرە سىمالار ،
يۈرەكتە قالغىنى ئىللىق بىر سىزىم .
سىغىنىش توختىماي تىلغار يۈرەكنى ،
چىدالماي تىنىقلار دەھشەتلىك شۇنچە .
تىنىقىڭ ئۇرۇلار دىماقلىرىمغا ،
شاماللار ئىپ كەلگەن گۈل ھىدى كەبى .
قوللۇرۇڭ سىلايدۇ جانسىز چاچلارنى ،
ئۆزۈمنى يولۇڭغا تەلمۈرتۈپ شۇنچە .
بۇ كىچە كۆزلەرگە ئۇيقۇ ھارامدۇر ،
بۈگۈنلا ئەمەسقۇ تالاي كۈنلەر بار .
ئويقۇسىز قىلىپ قالغان ئۇزۇن تۈنلەردە ،
يۈرەككە يانداشقان پەقەت سەنلا بار .
سىغىندىم ئەزىزىم سىغىندىم سىنى ،
ئۆزۈمنى ئۇنتۇدۇم ئەس ھوشۇم سەندە ،
ئاشىقمەن ئاشىقلار ۋىسال تاپماستىن ،
ئۆچمەيدۇ سىغىنىش ئۆچمەس ئەبەدكە .
2016.10.6
| 210 قېتىم كۆرۈلدى | خەدىچە | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-11 23:58:05 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|