تەنھا قويامسەن(ﺷﯧﺌﯩﺮ) - تاھىرجان مەجنۇن

 تەنھا قۇيامسەن
تاھىرجان مەجنۇن

تەنھا قويامسەن يالغۇز قويامسەن،
ئاچچىق ئەلەمدە جاننى ئالامسەن.
سېنى ئۆمۈرلۈك بىر گۈلۈم دېسەم،
مەندىن كېچىپ ئۆزگىنى سۆيەمسەن.

ئاسانمۇ ساڭا مەندىن تېنىش ،
مۇھەببەتتىن ئاسان كېچىش.
چىن ئاشىقنى تەنھا قويۇپ،
ياتلارنى ھەم دىلدىن سۆيۈش.

تەنھا ياشا ۋىجدان بىلەن،
مۇھەببەتلىك ئىخلاس بىلەن.
ئەقىدەمنى   يەرگە  ئۇردۇڭ ،
تەنھالىققا دەرتكە  قويدۇڭ.


ئۆكىنىمەن ساڭا ئەي گۈزەل،
مەنمۇ بىر كۈن ياخشى سۆزلەي.
بۇنداق يالغان سۆيۈشلەردىن،
تەنھالىقىم ماڭا ئەۋزەل.

تېكس ئاپتورى.  باي خەلق ئوغلانى تاھىرجان مەجنۇن.
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ.نامسىز تارقاتماڭ.
ئىشلەتسىڭىز ئاپتۇرنى ئىزدەڭ. 13150331763





55 قېتىم كۆرۈلدى majnuntal ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-20 4:28:53  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ