يۈرەك زارى (شېئىر) - ئېزىزتۇرسۇن خەنجەرى

 يۈرەك زارى

ئېزىزتۇرسۇن خەنجەرى

چاڭقىدى قەلبىم،چاك-چاك يېرىلدىم،
يېشىمنى يامغۇر قىلىپ ياغقۇم بار.
سېنى سېغىنىپ يۈرەكتىن كەتتىم،
ساڭا بىر قېتىم باغرىم ياققۇم بار.

سەن بەكمۇ يىراق،قەلبىمدە پىراق،
كۈرۈشكە سىنى ئىمكان بۇلارمۇ.
بۇھاياتىمنىڭ يېرىمى كەتتى،
سەن بىر سۆيگىچە دەرمان قالارمۇ .

ھالىم بەك خاراپ،گەپتىنمۇ قالدىم،
كىلىپ مىنى بىر،باغاش ئەتكىنە.
سەنسىز بۇ تەننىڭ نە ئەتىۋارى،
يا كىلىپ جان بەر،يا ئەپكەتكىنە....

2017-يىل 2-مارت
  ئاقسۇ
     





123 قېتىم كۆرۈلدى margimux ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-2 20:33:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ