ئۆزۈڭ بىلىسەن (نەسىر) - ‎ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش

 ‎ئۆزۈڭ بىلىسەن

‎(نەسىر)

‎ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش

‎ئەي كۆزۈمنىڭ نۇرى،غېرىب خانەمنىڭ نۇرلۇق قۇياشى بولغان يىگانە ئاشىغىم، سېنىڭ  قەلبىمدىكى نۇرلۇق سىيمايىڭنى،
‎پەقەت  بىرلا  سېنى يېنىش-يېنىشلاپ سۆيدىغانلىقىمنى  ‎ئۆزۈڭ بىلىسەن…

‎سەنسىزلىك دەردىدە كۆزلىرىمدىن تۆكۈلگەن مۇڭ -ھىجراننى،
‎ساڭا قانچىلىك كۆنۈپ قالغانلىقىمنى،
‎سەن بولمىساڭ ھىدىڭنى ھىدلاپ
‎ئىزىڭنى بويلاپ كوچا ئايلىندىغانلىقىمنى،
‎سەن بىلەن ياندىشىپ ئولتۇرغان قوش كىشلىك ئورۇندۇقتا يالغۇز ئولتۇرۇپ،
‎سېغىنىش دەردىنى تاماكىغا قۇشۇپ ئىچىمگە كۈچەپ تارتىدىغىنمنى ئۆزۈڭ بىلىسەن…

‎سۈتتەك ئايدىڭ كېچىدە كۆككە قاراپ
‎سىيمايىڭنى ئەسكە ئالدىغانلىقىمنى،
‎ھىلال ئاينىڭ مەڭزىدىكى داغنى
‎سېنىڭ قاشتېشىدەك سۈزۈك چېھرىڭدىكى قارا خالىڭغا قىياس قىلدىغىنىمنى،
‎چېچەكلەرنى زىنىقىڭغا ئوخشاتقىنىمدا
‎كۆز ياشلىرىمنىڭ مەڭزىمنى بويلاپ يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تاراملاپ چۈشدىغانلىقىنى ئۆزۈڭ بىلسەن…

‎تىكەندەك يالغۇزلۇق جېنىمنى قىينىغىنىدا
‎يۈرىكىمنىڭ قوقاسقا ئوخشاش پۇچلىنىپ مىڭ قۇياش تەپتىدە لاۋۇلداپ يېنىپ مىڭ پاتمان ئىشىق بالاسىغا مەھكۇم بۇلدىغانلىقىمنى ئۆزۈڭ بىلىسەن…

‎تاڭ يورىماس ئايسىز كېچىلەردە سۈرىتىڭگە ئۇزاق تىكىلىپ
‎ئۆمۈچۈك تورىدەك قاتمۇ قات خىياللارغا بەنىت بۇلدىغانلىقىمنى ،
‎غېرىب كاككۇكتەك بۇقۇلداپ تۇرۇپ
‎تالاي رەت ئىسمىڭنى زىكرى قىلدىغانلىقىمنى،
‎تىۋىشىڭغا قۇلاق سېلىپ
‎تاڭ ئ‍اتقۇچە
‎ئ‍اق بوز ئاتتەك نالە قىلىدىغانلىقىمنى ئۆزۈڭ بىلىسەن…

‎خىيالەن چاچلىرىڭنى سىيلىماقچى بولۇپ
‎ساڭا ئۇزارتقان قوللىرىمنىڭ
‎مۇئەللەق تامان لەيلەپ قالدىغىننى،
‎پىشانەڭگە سۆيمەكچى بۇلۇپ
‎ئۇچلانغان تۇمشۇقۇمنىڭ سوغوق تامغا تېگىپ توختايدىغىننى ئۆزۈڭ بىلىسەن…

‎سەنسىز ئۆتكەن ھەر بىر دەقىقە
‎باغرىمنىڭ مىڭ لەختە بۇلۇپ،
‎مىڭ خەنجەر كۆكسىمگە قادىلدىغىننى،كۈلگۈن
‎چىرايىمنى غەم تۇمان قاپلاپ،
‎ ساماندەك سارغىيىپ،
‎قاقشال دەرەختەك سۇلغۇنلۇشۇپ كېتدىغىنىمنى،
‎چاچ ساقىلىمنىڭ سەن تامان تەلپۈنۈپ ئۆسۈپ باردىغانلىقىنى ئۆزۈڭ بىلىسەن…

‎ساڭا ئاتاپ ناخشا توۋلىماقچى بۇلۇپ تەمشەلگىنىمدە يۈرەكنىڭ تارىنى چەككۈدەك يېقىملىق كۈيلەرگە ئەمەس،
‎خەستىلەنگەن باغرىمنى يارا قىلىدىغان بىر ئۈلۈش ھەسرەتلىك كۈي بىلەن پەرياد ئۇردىغانلىقىمنى
،
‎ئاشىقلىق كوچسىدا مەيدەمنى مۇشلاپ،
‎"مۇھەببەت" دەپ ساپايە سالدىغىمنى ئۈزۈڭ بىلىسەن…

‎خۇنى ئۆچكەن كۆزلىرىمدىن
‎ يۇلتۇزدەك چاراقلاپ تۇردىغان نۇر ئەمەس
‎مىڭ يىللىق كۆيۈكنىڭ،
‎مىڭ يىللىق ھېجراننىڭ،
‎مىڭ يىللىق ھىجراننىڭ شولىسى تۆكۈلۈپ تۇردىغىننى،
‎ۋىجىك تىنىمنىڭ سەنسىزلىك ئىچىدە
‎بارا-بارا قاقشال دەرەختەك قۇرۇپ كىتۋاتقانلىقىنى ئۈزۈڭ بىلىسەن…

‎ ساڭا دىيەلمىگەن
‎ تالاي سۆزلىرىمنىڭ بارلىقىنى،
‎ساڭا ئاتاپ يازغان مەكتۇپلىرىمنىڭ دۆۋە-دۆۋە بۇلۇپ كەتكىننى،
‎ئىچىمدە يەل پوڭزەكتەك چىڭقىلىپ تۇرغان ئازابىمنىڭ تۇلۇپ تاشقانلىقىنى ئۆزۈڭ بىلىسەن…

‎ۋىسال دەردىدە ساپال كۆتۈرۈپ،
‎قەلەندەر سىياقتا ئۆيمۇ- ئۆي مېڭىپ،
‎ ئىشىك چىكىپ ئۆتدىغىنىمنى
‎لاۋۇلداپ تۇرغان گۈلخان ئىچىدە
‎چاراسلاپ كۆيۈپ ئوتۇندەك
‎ كۈل بۇلۇپ ئۆچىدىغىنىمنى،
‎ بىر سېنى كۈتۈپ،
‎ بىر سەن ئۈچۈن يىگانە ياشاپ،
‎يەنە پەقەت بىرلا سەن ئۈچۈن قاراڭغۇ ئالەمگە يالغۇز كېتىدىغىنىمنى ئۆزۈڭ بىلىسەن گۈزەلىم... 


‎2016-يىل 16-ماي (مارالبېشى)
     





418 قېتىم كۆرۈلدى ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-20 1:26:29  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-22 2:16:03 مەمەت ئېلى
ئابلىكىمجان قۇلڭزغا دەت بەمىسۇن بەك ياخشى يېزىپسىز
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ