خازاننامە - شاھتۈرك

 خازاننامە
ئەمەرجان ماخسۇت شاھتۈرك


چۆكىسەن ئازابنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا،
ۋەدىلەر قىسمەتكە بولىدۇ پايخان.
كۆنىسەن كىمنىڭدۇر شۇ يوقلۇقىغا،
ئىشىنىپ باقىسەن بولسىمۇ يالغان.

ئۆتىدۇ كۈنلىرىڭ ئۆتۈپ كەتكەندەك،
رىئاللىق بىلىنەر چۈشتەكلا ھامان.
بولىسەن تاشيولدا پويىز كۈتكەندەك،
بەخىتنىڭ پويىزى كەلمەس سەن تامان.

كۈز كېلەر قەدىمى سىرلىق رەھىمسىز،
يۇپۇرماق بىر بىرلەپ بولماقتا خازان.
بارغۇڭ يوق ھېچيەرگە ھەممە ئۇ سەنسىز،
قەدىمىڭ مىڭ تەستە يۆتكىلەر ئاران.

يۇقىتىپ بارىسەن بىر بىرلەپ شۇنداق،
مەنىسىز تۇيۇلار پۈتۈن يەر-جاھان.
ماڭىسەن يولۇڭدا بىر ئۆزۈڭ ياياق،
مەڭگۈلۈك قەسەملەر ئېغىزدا قالغان.


2016-يىلى 5-ئۆكتەبىر يۇرتى قاراقاش

     





57 قېتىم كۆرۈلدى xahturk666 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-6 0:18:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ