سۆزۈڭ ئەمەس ئۆزۈڭگە زارمەن (شېئىر) - ئېلىجان ئابدۇكېرەم

سۆزۈڭ ئەمەس ئۆزۈڭگە زارمەن

ئېلىجان ئابدۇكېرەم (بارچۇق ئوغلى)

سەنمۇ مېنى ئەسلەپ تۇرامسەن،
سېغىنغاچقا تېلېفون ئۇرامسەن.
«ياخشى كۆردۈم» دېگىنىڭ بىلەن،
مېنى يارىم ئالداپ قويامسەن.

بىلەمسەنكى ياخشى كۆرۈشنى،
بىللە يىغلاپ-بىللە كۈلۈشنى.
جامالىڭنى كۆرسەتكىن ماڭا،
خالىمايمەن سەنسىز ئۆتۈشنى.

بۇ دۇنياغا مۇھەببەت كېرەك،
مۇھەببەتكە ساداقەت كېرەك.
سېغىنغاندا بۇلالمىساق جەم،
ئەنسىز سۇقار تەنلەردە يۈرەك.

ئەي نىگارىم سېغىنىپ ياتما،
مەن سېغىندىم مېنى ساقلاتما.
سۆزۈڭ ئەمەس ئۆزۈڭگە زارمەن،
مۇھەببەتنى تېلېفونغا چاتما.

2017,,3,,10,,
     





40 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-28 18:27:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ