كۈلمىگىن
يازغۇچىلار تورىدىن گۈلقەمەر
ھەر قەدەمدە پۇتلىشىدۇ بەزىلەر،
لاي-پاتقاققا مىلەنگەندە كۈلمىگىن.
تاپالماستىن نىشانىنى قايمۇقۇپ،
ھاڭۋاققاندا زاڭلىق قىلىپ كۈلمىگىن.
بىز كۆرمىگەن جۇت-زىمىستان بارمىدى،
ئەركەك كۆزى نەملەنگەندە كۈلمىگىن.
ئاتاڭ بىلەن پەخىرلەنسەڭ توغرا گەپ،
قارا يېتىم بىچارىگە كۈلمىگىن.
قىزىڭ بولسا پەرىشتىدەك شۈكرى دە،
بالا -قازا كەلگەنلەرگە كۈلمىگىن.
«ئاتا» بولغىن ئاتىسىزغا قولۇڭنى بەر،
ناتىۋاننىڭ نالىسىگە كۈلمىگىن .
جاسارەتتىن دەرس بەرگىن قاپلىنىڭغا،
ئازغانلارغا دۇئا بەرگىن كۈلمىگىن .
ئەمەسمىدى ئەلنىڭ ئوغلى شۇ ئارسلان،
ئۈمىد بەرگىن باغرىڭنى ئاچ كۈلمىگىن.
يول تاپقاندا يۆلىۋالغىن يولسىزنى،
يولدا قالغان مۇساپىرغا كۈلمىگىن.
پۇل تاپقاندا تونۇماستىن قوشناڭنى،
پارچە نانغا زار بولغانغا كۈلمىگىن.
| 202 قېتىم كۆرۈلدى | gulkamar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-9-27 16:48:24 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|