مەن بارىمەن
شىئېر
ئاپتۇرى ☜ مەمەتجان سامساق
مۇزلار تۇتۇپ كەتكەن بولسا قەسىرلىرىڭنى،
مەن بارىمەن ئىللىتقىلى قۇياشىڭ بۇلۇپ.
بىۋاپانىڭ قىلغانلىرى ئۇزىسۇن سەندىن،
مەن بارىمەن ئاداققىچە قاياشىڭ بۇلۇپ.
مەن بارىمەن ئىللىتقىلى يۈرەكلىرىڭنى،
زىمىستان قىش ئاستا ئاستا ئۇزايدۇ سەندىن.
مەن بارىمەن مۇھاببەتنىڭ بۇلىقى بۇلۇپ،
سۆيگۈ بېغىڭ چېچەك ئاچسۇن پەقەتلا مەندىن.
مەن بارىمەن باغۋەن بۇلۇپ قەسىرلىرىڭڭە،
باغلىرىڭنى خۇشپۇراقلىق گۈلگە تولدۇرۇپ.
سۆيگۈمىزنىڭ شارابىنى ئىچەيلى مەڭگۈ،
چىن ساداقەت جامىنى بىز لىقلاپ تولدۇرۇپ.
مەن بارىمەن گويا سىنىڭ بۇلبۇلۇڭ بۇلۇپ،
گۈل بېغىڭغا مۇڭ ئاھاڭدا كۈيلەر ياڭرىتىپ.
چېچەك ئېچىپ غۇنچىلىسۇن گۈللىرىڭ ئەمدى،
سەنمۇ چەككىن دىل تارىمنى مۇڭلۇق سايرىتىپ.
كۈيەك ئۇتى يامان دىسە. ئاسان ئاڭلىماق،
يۈرەكنىڭمۇ تىلى باركەن مانا كۈرۈپ باق.
مەن بارىمەن ئېلىپ ساڭا ساداقىتىمنى،
زارلاتمىغىن ئىشقى ئۇتۇڭدا كەلگىن يېقىنراق.
ئېرىمەسكە قاتقانمىدۇ يۈرۈكۈڭ جانان،
مەن بارىمەن كۆرگىنىڭدە چىرايىم سامان.
چىدالمىدىم كۈيەك دەردىم ئىنتايىن يامان،
دوختۇر بولغىن مەنمۇ ياشاي يېنىڭدا ئامان.
قىينىمىغىن ئوتلىرىڭدا كۆڭلۈڭنى بەرگىن.
ئۆمۈر دىگەن ئاتقان ئوقتەك كېتىدۇ گۈلۈم.
مەن بارىمەن يانلىرىڭغا ۋىسالنى كۆزلەپ.
تۇتماقچىمۇ سوۋغا قىلىپ ئازاپ ۋە ئۈلۈم.
سىنى كۆرگەن كۈنلىرىمنى دىسەم گۈلىستان.
سىنىڭسىز ئۆتكەن كۈنۈم خۇددى زىمىستان.
مەن بارىمەن سۆيگۈڭنى بەر مەنمۇ بىر ئىنسان.
ياشاشقا مەن رازى سەن ئۈچۈن سەرسان.
ئاپتۇرى: مەمەتجان سامساق
تىلفۇن ۋە ئۈندىدار نۇمۇرۇم ـ 15599755288
359 قېتىم كۆرۈلدى | مەمەتجان سامساق | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-2 16:35:08 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|