مۇبارەك كۈن (شېئىر) - رىزۋانگۈل

مۇبارەك كۈن
رىزۋانگۈل (مودەن)


تۇغۇلغان كۈنۈمدۈر، بۈگۈن مۇبارەك !
شادلىنار مەن ئۈچۈن يەنە بىر يۈرەك.
ئەجىرسىز  نېئمەتنى  كۆرمۈدۈم، يەنە،
ئانىدەك بىر ئۆمۈر ۋاز كەچمەس يۈلەك.

شۇئاچچىق ئازاپنىڭ شىرىن تەمى مەن،
مۇبارەك ئانىجان غالىپ كۈنىڭىز.
كۈلكىڭىز مەن ئۈچۈن بەخىت ئۆلچىمى،
ئايالسۇن قەدىردان، ئەزىز تىنىڭىز.

ئۈگىلەر ئاجرىغان  جىسمىڭىز بەلكىم،
ماماتنىڭ لېۋىگە بارغان نەچچە رەت.
دۇنياغا كۆز  ئاچتىم شۇ چاغ چېھرىڭىز،
نۇرلىنىپ ئۇنتۇلغان بۈگۈن بارچە دەرىت.

شۇنچىلىك ئىللىقتۇر ئانىنىڭ مىھرى،
چۈكىسەن باغرىغا مىسالى بىر كۆل.
ئېيتىمىغان ھېچكىشى تەشەككۈر بەلكىم،
نۆۋىتى كەلسە گەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆل!

مۇبارەك ئانىجان تۇغقان كۈنىڭىز!،
تەشەككۈر سىز ئۈچۈن پىدارۇر جېنىم.
تۈگىمەس تەرپىڭىز يازساممۇ داستان،
سىز بولغاچ ئۇرغىدى تۇمۇردا قېنىم.


2017-يىل27-مارىت.مايتاغ.
     





51 قېتىم كۆرۈلدى رىزۋانگۈل (مودەن) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-29 1:00:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ