ئانام يوق
--رۇستەم مەخەت
ئۆيگە كىرسەم دىلىم سۇندى خەس بولدۇم،
ئانا دىسەم سادا كەلمەي غەش بولدۇم ،
ئاناڭ ساقمۇ دىسە ئۈندىمەس بولدۇم ،
سۆزلەي دىسەم دىلئارامىم ئانام يوق .
ئەگەشتۈرمەك بولدى شەيتان ئىزىدىن،
گاھ ئېزىقتىم ئازغۇنلارنىڭ سۆزىدىن .
قاچالمىدىم يامانلارنىڭ كۆزىدىن،
ئاساي دىسەم تىلتۇمارىم ئانام يوق.
كىتىپ قالدىڭ مىنى يالغۇز قالدۇرۇپ ،
بويۇن قىسىپ قالدى ئوغلۇڭ قايغۇرۇپ.
ئانام دىسە قالدىم ياندا تەلمۈرۈپ ،
ئىزلەي دىسەم غەمگۈزارىم ئانام يوق .
2016-يىلى 2-ئاي
| 98 قېتىم كۆرۈلدى | rustam | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-2-5 16:30:49 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|