نورۇز كەلدى
روشەنگۈل ئابدۇ ۋايىت (سەھەر)
نورۇز كەلدى ، ئاياز كەلدى ، ئويغاندى زېمىن .
كۈيچى قۇشنى يىتىلەپ كەلدى مانا نەۋ باھار .
ئېرىقلاردا سۈزۈك سۇلار ئاقار شىلدىرلاپ،
مۇنبەت يەرنىڭ باغرىغا بېرىپ كۈچ مادار .

نۇرۇز كەلدى گۈل-چىچەككە بۇلۇپ ئىنتىزار ،
يىگىت - قىزلار ياسانماقتا توزدەك جەزبىدار .
ئىشچان دېھقان ئېتىزلاردا يەرلەرنى تىلغاپ ،
پەسىللەرنىڭ رومالىنى قايرىدى باھار .

نورۇز كەلدى ئات چاپتۇرۇپ چۈشۈپ بەيگىگە ،
ئوغلاق تاشلاپ چاق-پەلەكلەر ئۇچتى ساماغا.
قوچقارلارمۇ بوش كەلمىدى نورۇزنى كۈيلەپ ،
پۇراق چاچتى ئىتتىپاقلىق گۈلى ھەر يانغا .

نورۇز كەلدى خۇراپاتلىق زۇلمەتنى تاشلاپ ،
خەلقىمىزگە ئىلىم-پەننىڭ ئېڭىنى باشلاپ.
پۈتۈن جاھان ئۇيغاندى ھەم ئويغان ئەي دوستۇم ،
روناق تاپقىن يۈرمە ئەمدى كۆزۈڭنى ياشلاپ .

ئىلىپ كەلگۈسى بەرىكەت نورۇز-يىل بېشى ،
چوڭ قازاندا قاينىماقتا نورۇزنىڭ ئېشى .
ياڭرىتايلى بۇ مەشرەپكە قوشۇپ سامانى ،
بەرىكەتلىك بولسۇن دەپ ھەم ھەر كىمنىڭ ئىشى.
2016 . 3 . 21
| 149 قېتىم كۆرۈلدى | روشەنگۈل ئابدۇ ۋايىت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-3-21 13:46:21 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|