كەتمەكچى بولۇپ قالدىم (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

 كەتمەكچى بولۇپ قالدىم
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

كەتمەكچى بولۇپ قالدىم،
ئۇزاپلا كىتەي دىدىم،
يۈرەكنى قويۇپ كەتتىم،
ئۆزۈڭ ئىزدىگىن دىدىم.

كەتمەكچى بولۇپ قالدىم،
بەختىڭنى تىلەپ دائىم،
ئۇنۇتساڭ مېنى ئەمدى،
نىمە دەي،بىلەلمىدىم.

كەتمەكچى بولۇپ قالدىم،
ئۆچەرمۇ ئىزىم دىدىم،
پاك سۆيگۈ بىرەلمىسەڭ،
مەن قانداق كۈلەي دىدىم.

كەتمەكچى بولۇپ قالدىم،
ھېكايەڭ بولاي دىدىم،
ھېدىڭنى ئەسلەپ دائىم،
مۇڭكەبى يۈرەي دىدىم.

كەتمەكچى بولۇپ قالدىم،
ئەبەدى كۈتەي دېدىم،
ئارقامدىن كىلەلىسەڭ،
سۆيگۈمنى بىرەي دىدىم.

كەتمەكچى بولۇپ قالدىم،
ئامانلىق تىلەي دائىم،
مېھرىڭنى بىرەلمىسەڭ،
مەن قانداق قىلاي جانىم.

كەتمەكچى بولۇپ قالدىم،
ھەسرەتنى يۈتەي يايرىم،
بارىمدا كۈلەلمىىدىڭ،
زادىلا بىلەلمىدىم.

كەتمەكچى بولۇپ قالدىم،
سازىڭنى چالالمىدىم،
بولۇرمۇ سۆيۈشلىرىڭ،
مەن زادى چىدالمىدىم.

كەتمەكچى بولۇپ قالدىم،
يىنىكلەپ قالاي جانىم،
ئۈمۈدنى ساڭا قويۇپ،
بارىمنى قويۇپ كەتتىم.

كەتمەكچى بولۇپ قالدىم،
ياڭرىسۇن مېنىڭ سازىم،
پۇشايمان نېمە ئەمدى؟
سەن مېنىڭ ئىدىڭ بارىم.
     





85 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-15 21:38:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ