دەرىزە سىرتىدىكى قارلىق دۇنيا
ئابدۇخېلىل مۇھەممەد قۇتتېكىن
دەرىزەم سىرتىدا ياغماقتا ئاق قار،
تەڭرىنىڭ ھىممىتى ياغقاچ زېمىنغا.
ئاق لىباس كىيىپتۇ پۈتكۈل كائىنات،
خۇشاللىق ئىپ كەلدى بۇ قار بارچىغا.
دېرىزە سىرتىغا باقتىم زوق بىلەن،
مامۇقتەك ئاق قارلار چۈشمەكتە لەپ لەپ.
سۇغۇقتىن رەنجىگەن مىسكىن كۆڭۈللەر،
ئىللىدى بۇ قاردا دوست يارىنى ئەسلەپ.
قار بوۋاي ياساپتۇ بىر توپ بالىلار،
چېھرىدە تەبەسسۇم، شادلىق جىلۋىسى.
توپ بۇلۇپ ئوينىماقتا قارلار ئېتىشىپ،
ئاپئاق قار ئۇلارنىڭ بەختى كۈلكىسى
يىراقتىن كەلمەقتە بىر جۈپ قىز يىگىت،
مۇھەببەت ئىلكىدە كۆزلەر بېقىشىپ.
ياشلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل كۆركەم پەسلىدە،
ھاياتقا مەڭگۈلۈك بەخت يېزىشىپ.
ئالدىراش خىزمەتكە ماڭماقتا دادا،
ئانىنىڭ ئېسيادى بالا غېمىدە.
تىرىكچىلىك دەردىدە يۈزدە قۇرۇق،
ھاياتلىق تەكراردۇر ئوخشاش رېتىمدە.
يەنە نە ئالدىراش ماڭار شۇ بۇۋاي،
قۇلىدا ئىسسىق ئاش مۇماي قېشىغا.
ئۆتكۈزگەن ئەمەسمۇ ساناقسىز قارنى،
ئاق قارلار سانجىلدى ئاخىر بېشىغا.
دەرىزەم سىرتىدا ياغماقتا ئاق قار،
ئوخشاش بىر مەنزىرە ئوخشىماس ھايات.
يازغىنىم ئۆمرۈمنىڭ كارتىنىسىمۇ،
باللىلىق تۇغۇلۇش، قېرىلىق مامات.
2015-يىلى 15-دېكابىر
ئۈرۈمچى. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى
44 قېتىم كۆرۈلدى | kutteken | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-17 21:10:26 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|