قىسمەت
ئابلىكىم ئابلەت (ئەرتۈرك )
تىرشتىم پەقەتلا ئارزۇيۇم ئۈچۈن ،
دۇنيانىڭ بەرگىنى بولدى كۆپ قىسمەت .
لىكىن مەن چىدىدىم يەنە چىدايمەن ،
يانمايمەن يولۇمدىن ئەبەدىل ئەبەت .
* *
مەن شۇنداق شۇئارنى توۋلايمەن كۈندە ،
بۇ خىتاب ئۆزۈمگە غەيرەت قىل ئۆزۈم ،
شۇ كاتتا ھىممەتكە ئىرىشەلىسەملا،
ئارمىنىم يوق ئىدى يۇمۇلسا كۆزۈم .
* *
تىلەيمەن ئۆزۈمگە سەبىرلىك يۈرەك ،
ئۆزگىدىن پەقەتلا ئاغرىنىشىم يوق .
ھىس قىلدىم كىچىكىپ شۇ ھەقىقەتنى ،
كىتەرمەن بىر كۈنى بولۇپ مەنمۇ يوق .
-ئەرتۈرك
| 37 قېتىم كۆرۈلدى | ئابلىكىم ئابلەت (ئەرتۈرك ) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-14 1:18:34 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|