* ئويغان ئادەم *
( چاچما شېئىر )
«چىچەك كاشغەرى»
ئۇخلاۋاتىدۇ،
شىرىن ئۇيقۇدا.
غەپلەت قوينىدا،
يۈگەنلەر ساپتۇ.
قارا چۈش ئۇنىڭ بوينىغا،
ھەي !!
يەنە ئۇخلاۋاتىدۇ،
ئويغىناي دىمەي.
شادلىق كۈلكىدە،
تاتلىق ئۇيقۇدا.
كىچىك بالىدەك،
لىكىن قىلچە ئوخشىماس.
كىچىك بالىغا،
ئەقلى چالىغا.
ئاق سۈت ئىمىپ ياتقان ،
بوۋاق بالىغا.
قارا ،
كىرىپ كىتىۋاتىدۇ.
زۇلمەت ئاتالغان قارا ئىشىكتىن،
مېڭىۋىرىپ.
يىراق قېلىۋاتىدۇ،
بىلىم تامچىسى تامغان بۇلاقتىن.
ئويغان…
يۈرىكىڭ سىنى چاقىرۋاتىدۇ،
چۈشلىرىڭدىن تارتىۋاتىدۇ.
قوللىرىڭغا مەھكەم ئېسىلىپ،
ياشلىرىنى تۆكىۋاتىدۇ.
ئويغان ئادەم،
شىرىن ئۇيقىدىن.
غەپلەت قوينىدىن،
قوللىرىڭنى تىز تارىتقىن.
زۇلمەتلەرنىڭ بوينىدىن،
توسىۋالمىسۇن.
داغدام يولۇڭنى،
كىسىۋالمىسۇن ھەتتا سىنىڭ.
قارىدىن يىراق ئاپئاق قولۇڭنى،
ئويغان ئادەم .
يوللىرىڭغا ئىز سال،
كەلگۈسىڭگە ئۇل سال.
قالمىغىن سەپداشلىرىڭنىڭ ئارقىدا،
يۈز تۆكۈپ ھەم …
ئەھلى جاھان ئالدىدا.
2016.10.19
212 قېتىم كۆرۈلدى | qiqak | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-19 15:24:52 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|