كەتمىگىن
سىدىقجان سايىت (سۈكۈت)
مېھرى ئوتلۇق ئاي يۈزلۈك جانان ،
ئىلتىماسىم زىنھار كەتمىگىن .
ئايرىلىشقا يوق ئەمدى بەرداش ،
بۇ يۈرەكنى زەرداپ ئەتمىگىن .
سەن بار بولغاچ خۇشالمەن ھەر چاغ ،
گۈلزارىمدا بۇلبۇل ناۋاسى .
جۇت يەتمىگەن گۈلىستانىمغا ،
باغلىرىمدا باھار ھاۋاسى .
ئەگەر كەتسەڭ تاشلاپ مېنى سەن ،
ھايات ماڭا بىلىنەر ماتەم .
چىن يۈرەكتىن سۆيىمەن سېنى ،
سەنمۇ مېنى شۇنداق سۆيگىن ھەم.
2016-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
| 47 قېتىم كۆرۈلدى | sukut1 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-31 0:20:03 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|