لەگلەك ۋە ئارزۇ (شېئىر) - مېھىرنىسا قۇربان

لەگلەك ۋە ئارزۇ  

مېھىرنىسا قۇربان

قولىدا بار بۈركۈت لەگلىكى،
يۈگۈرەيدۇ سەبىي بىر بالا.
دەيدۇ ئۇنى بەزىلەر يەنە،
گۈدەك، تېخى ئىشلىرى چالا.

يا بازاردىن سېتىۋالمىدى،
ياساپ چىقتى ئۆز قولى بىلەن.
ئۇچۇرماقچى بولدى شامالدا،
لەگلىكىنى ئىشەنچى بىلەن.

بىردە توختاپ بىردە يۈگۈرۈپ،
لەگلىكىگە قاراپ تويمايدۇ.
كۆككە ئۆرلەپ ئۈزۈپ لەگلەكمۇ،
چۈشۈپ كېتىپ ئوسال قىلمايدۇ.

لەگلەك ئۇچۇر دىگەندەك شامال،
چىقتى بۈگۈن غۇر-غۇر ھالەتتە.
ئېپ كېتەتتى ئۇچۇرۇپ يىراق،
بەزەن كۈچلۈك چىقىپ ئادەتتە.

ئەنە قاراڭ ئۇنىڭ لەگلىكى،
ئۇچۈپ چىقتى كۆكنىڭ قەرىگە،
يىنىك-يىنىك تارتىپ يىپىنى،
لەگلىكىنى قويماس مەيلىگە.

تاتلىققىنە خىيالغا چۆمدى،
لەگلەك ئەمەس ئۆزى ئۇچقاندەك،
قانات بولدى گويا لەگلىكى،
پەرۋاز قىلىپ كۆكنى قۇچقاندەك،

2017-3-31      





87 قېتىم كۆرۈلدى 2550325358 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-14 15:18:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-15 19:08:45 ikbal
بۇ بالىلار شېئېرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ،يەنىمۇ تىرىشىڭ ،،،قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن .
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ