ئۆزۇم ئۇچۇنلا ياشاپ باققۇم بار

ئۆزۇم ئۇچۇنلا ياشاپ باققۇم بار

 

مىھرىئاي تۇردى

 

ئومرومنىڭ يېرىمى ئارمان،يېرىمى دەرمان،

بۇغدايغا ئشلىدىم ئالغىنىم سامان.

مىھرىمنى ھەسسىلەپ بەرسەممۇ ئەمما،

ئىرىشكىنىم بولدى بۇيرۇق،پەرمان.

 

قەدرىنى قىلدىم قەدرىم بىلمىدى،

كەسمەس قېڭراقتا دىلىم تېلغىدى.

ھورمەتكە چىقاردىم ئىگىز كۇتۇرۇپ،

مەن بەرگەن ئىززەتنى كۇتۇرەلمىدى.

 

سەۋرىمنىڭ قاچىسى تاشتى بۇ قېتىم،

ھاياتقا بىر كۇلۇپ قاراپ باققۇم بار.

خۇشاللىق ئىزلەيمەن بىركۇن بولسىمۇ،

ئۇزۇم ئۇچۇنلا ياشاپ باققۇم بار.

  





185 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-12 2:09:41  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ