ئايال دىگەن
ئاتىكەم ئەيسا
ئائىلىنىڭ باغچىسى ئايال دىگەن،
پەرزەنىتنىڭ سايىۋىنى ئايال دىگەن.
ئەرلەرنىڭ غەمخانىسى ئايال دىگەن ،
ئەۋلادنىڭ تەربىيچىسى ئايال دىگەن.
دۇنيانىڭ بىر بۆلىگى ئايال دىگەن ،
ھاياتلىقنىڭ يىلتىزى ئايال دىگەن .
ھايات دىمەك،زىمىن دىمەك ،ئانا دىمەك،
شۇڭلاشقا شۇنچە ئۇلۇغ ئايال دىگەن.
بىر قۇلىدا بۆشۈك تۇرار بىر قولىدا دۇنيا دىگەن،
ھەقىقەتنىڭ گۇۋاھچىسى ئايال دىگەن .
قەدرىنى قىلمىسا گەر ئۆز ئۆزىنىڭ ،
ھەممىنىڭ گومرانچىسى ئايال دىگەن.
بىر تامچىمۇ ياش ئاقمىسا كۆزلىرىدىن،
نىمە دىگەن بەخىتلىك ئايال دىگەن.
ھەممە قىلسا بىر بىرىنىڭ قەدرىنى،
نەقەدەر گۈزەل ئىدى دۇنيا دىگەن.
| 138 قېتىم كۆرۈلدى | ئاتىكەم ئەيسا | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-1-12 22:52:35 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|