ئويلاپ قوي

  ئويلاپ قوي 

 

 سەۋدا

 

 كىملەر يېڭى تۇغۇلۇپ، كىملەر يەرگە پاتماقتا،

 كىملەر خۇشال يۈرىيدۇ، كىملەر ئازاپ تارتماقتا.

 ئاجىزلارنىڭ كۆز يېشى دەريا بولۇپ ئاقماقتا،

 ئەتراپىڭغا قاراپ باق ئاجىزلارنى ئويلاپ قوي.

 

 مېھرى بىلەن ئاش ئېتىپ ئاناڭ سېنى ساقلايدۇ،

 مۈكچەيسىمۇ تەنلىرى ئاتاڭ ھاردىم دېمەيدۇ.

 ئويناپ سېنىڭ خۇمارىڭ ئويۇنغا ھېچ قانمايدۇ،

 ئۇلار قانماس ساڭىمۇ ئاتا-ئاناڭنى ئويلاپ قوي.

 

 كۆزلىرى تۆت تەلمۈرۈپ كۈتەر ئۆيدە ئايالىڭ،

 كېرەك ئەمەس ئارتۇق سۆز، بىرئېغىزلا چارچىدىڭ.

 يۆلەنچۈكۈم دەپ بىلەر تاغىم دەيدۇ قاياشىم،
سۆيسەڭ ئەگەر  دىلىڭدىن جاپاسنى ئويلاپ قوي.

ئەر كىشىنىڭ زىممىدە تالاي بۇرچ مەسئۇلىيەت،
بولماق كېرەك ئەر كىشى قەۋمى ئۈچۈن ياريۆلەك.
كەلمىگەنمۇ ئۇنىڭدىن يېگەن تۇز ھەم كۈچ قۇۋۋەت،
ئەركەك بولساڭ ئەل ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ ئويلاپ قوي.


                   2016.1.24 ئەتتىگەن





141 قېتىم كۆرۈلدى msawda ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-25 23:40:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ