يالغانلارغا كۆنۈپ كەتتىم

يالغانلارغا كۆنۈپ كەتتىم

 

لەيلا

 

نەزەر سالسام بۇ دۇنيانىڭ گۈلزارىغا،

 گۈزەللىكى يالغان ئ‍ىكەن بىلىپ يەتتىم،

 سەرسانىمەن چىنلىق ئىزدەپ بۇ ئ‍الەمدىن،

 ئ‍ىزلىگەنچە يالغانلارغا كۆنۈپ كەتتىم.

 

 ئ‍الداپ كەپتۇ چىن دىلىمدىن سۆيگەنلىرىم ،

 بىلگىنىمدە ئاچچىق ئاچچىق كۈلۈپ كەتتىم.

كۆزۈمدىكى ياشلىرىمنى يۇتتۇم ئ‍ەمما ،

 شۇ ياشلانى يۈرۈگۈمگە تۆكۈپ كەتتىم.

 

 يالغۇز قويۇپ كەتتى ھەممە ئ‍ۆز يولىغا،

 مەن بىرەرى كىلەرمۇ دەپ كۈتۈپ كەتتىم.

 نە بىرەرى كەلمەك تۈگۈل ئ‍ىزدەشمۇ يۇق،

 يالغۇزلۇقنىڭ ھىجرانىغا چۆكۈپ كەتتىم.

 

مىھېر بىرىپ كەلسەم مەن بىراۋلارغا،

 مىھىرلىرىم ئ‍ارتۇقچىكەن بىلىپ يەتتىم.

 مۇھتاج بولۇپ ئ‍ۆزۈم شۇنداق مىھىرلەرگە،

 شۇ كۆزلەردىن مىھىر ئ‍ىزلەپ يۈرۈپ كەتتىم.





104 قېتىم كۆرۈلدى layla ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-10 1:59:56  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ