جانغا مادار بەرگەن دوستلىرىم - ئەكبەر ئەركىن

جانغا مادار بەرگەن دوستلىرىم  
  ئەكبەر ئەركىن 


يالغۇزلىقتىن مەن مادارسىز قالغاندا،
جانغا مادار بەرگەن دوستلىرىم.
قىيىن ئىشقا بويۇن ئەگكەن چېغىمدا،
جانغا مادار بەرگەن دوستلىرىم.

گەر كۆيدۈرسە رەيھان مىنى ئىشقىدا،
كۈل قىلغاندا مۇھەببەتنىڭ ئوتىدا،
توزىسام گەر نام-نىشانسىز ھاۋادا،
جانغا مادار بەرگەن دوستلىرىم.

كۈلكىللىرىم ياڭرىغاندا ھەر جايغا،
تەڭ كۈلگەن، جۆر بولۇپ خۇشاللقىمغا،
ئون كۈلكەمنىڭ بىرى مىنى يىغلاتسا،
جانغا مادار بەرگەن دوستلىرىم.

غولاپ چۈشسەم ھايات دېگەن داۋاندىن،
جان قالمىسا،تۇرالمىسام ئورنۇمدىن،
ئۈمۈد ئۈزۈپ ياتقىنىمدا ھەممىدىن،
جانغا مادار بەرگەن دوستلىرىم.

2016/10/8   
ئۈندىدار 2629888235
     





50 قېتىم كۆرۈلدى akpar430 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-8 22:18:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ