ئاھ ئۇرما كۆڭۈل
( ياسىنجان سەلەيئاخۇن )
ھاياتتا بىشىڭغا كىلەر نۇرغۇن ئىش ،
ھەممىگە ئۆزۈڭنى ئۇپراتما كۆڭۈل .
بىر ياخشى بىر يامان كىلەر قوشماقتەك ،
ياخشىنى يامانغا ئوخشاتما كۆڭۈل .
ئۆزگىنىڭ كۆڭلىنى تۇرغىن ئاۋايلاپ ،
ئويۇن دەپ ئۆزگىنى قاخشاتما كۆڭۈل .
دوسلۇرۇڭ قەلبىگە ئازارلار بىرىپ ،
شەيتاننىڭ كۆڭلىنى ياشناتما كۆڭۈل .
ئاي كەبى يۈزلىرى تۇرسىلا چاخناپ ،
مەس بولۇپ گۈزەلگە قاش ئاتما كۆڭۈل .
گۈزەللىك بىلگىنكى بولۇر قەلىپتە ،
گۈزەل شۇ دىللارغا تاش ئاتما كۆڭۈل .
دۆلىتىڭ بار چاغدا بىشىڭدا ئەگىپ ،
كىتەلمەي يۈرگەننى دوس دىمە كۆڭۈل .
كۈن چۈشسە بىشىڭغا ، بولسا يېنىڭدا ،
دوس دىگەن ئەنە شۇ سىلكىمە كۆڭۈل .
گۈللىرىڭ ئىچىلسا بۇلبۇلدەك سايراپ ،
كۆيىمەن دىگەنگە ئىشىنمە كۆڭۈل .
توزىسا غۇنچىلەر كىتەركەن تاشلاپ ،
كەتكەنگە ئاھ ئۇرۇپ ئۆكۈنمە كۆڭۈل .
ئەقىدە قىلغان يار تاشلىسا بىر كۈن ،
تاشلىدى يارىم دەپ قايغۇرما كۆڭۈل .
قەدرىڭنى بىلمەسكەن قەدىرلىسەڭمۇ ،
ياش تۆكۈپ نامەرتكە يالۋۇرما كۆڭۈل .
ۋاپانىڭ قەدرىنى بىلمەس ۋاپاسىز ،
قىلغان شۇ ۋاپاغا ئىچىنما كۆڭۈل .
كارى يوق سەن ئۆلۈپ كەتسەڭمۇ بەلكىم ،
ئۇ ئۈچۈن دەرت تارتىپ يېغلىما كۆڭۈل .
بولمىساڭ ھىچقاچان شەيتانغا ئۆلپەت ،
تۈز يولدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرما كۆڭۈل .
بىرلىرى ساتاركەن ۋىژداننى پۇلغا ،
ئۇلاردەك نامەرتكە ئاھ ئۇرما كۆڭۈل .
ياسىنجان سەلەيئاخۇن
كۈنەس ناھىيە ……
| 36 قېتىم كۆرۈلدى | 15599999871 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-8-1 1:20:29 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|