ئاپا مىنى تۇغقان كۇنىڭگە موبارەك بولسۇن! (نەسىر) - خۇمار

ئاپا مىنى تۇغقان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن !

خۇمار


بۇگۇن  مىنىڭ تۇغۇلغان كۇنۇم،دەل ئاپام مىنى تۇغقان كۇن. بۇگۇن مەن تۇغۇلغىلى 24يىل بوپتۇ، لىكىن مەن قىلچىلىك خۇشال ئەمەس، بۇگۇن مەن ئاپامنىڭ چىرايىغا تۇنجى قېتىم سەپ سىلىپ قاراپ باقتىم ،ئاپامنىڭ  پىشانە ۋە كۆز ئەتراپىدا يول - يول قورۇقلار قاپلىغان ئىدى، ھەر بىر قورۇق ئىزناسى ئاپامنىڭ مۇشۇ نەچچە يىل جەريانىدا تارتقان  جاپالىرىنىڭ شاھىدى ھەم ئاپامنىڭ بارا - بارا قىرىپ ھالسىزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسۇتۇپ تۇرۋاتاتتى.   تۇيۇقسىز مۇنداق بىر ئىش ئىسىمگە كىلىپ قالدى، مەن مەكتەپتىن قايتىپ كىلىپ بىر نەچچە كۈندىن كىيىن  ئاپام ئىككىمىز ئۆيدە  يالغۇز قالغان ئىدۇق، ئالدىمدا ئۇگۇنۇش قىلىدىغان ماتىرياللىرىم يىيىقلىق ئىدى، ئاپام ماڭا گەپ قىلغاچ بىلىكىمگە بىر چەمبىرەك سىزىدى،ئاندىن ماڭا قاراپ تۇرۇپ ، " قىزىم ، بەلكىم بۇ چەمبىرەكنى بىلىكىمگە نىمىگە سىزىغاندۇ دەۋاتقانسىز؟ " ئاپام بۇ گەپلەرنى دىگەچ چەمبەرنىڭ ئوتتۇرسىغا بىرتال چىكىت سىزىدى،ئاندىن چەمبەر دىۋارىنىڭ ئەتراپىغا سىزىقچە سىزىشقا باشلىدى، ئاندىن ئاپام ماڭا " مىنىڭ قولىڭىزغا نىمە سىزىۋاتقىنىمنى بىلىپ بولغانسىز"   ، توغرا مەن بىلىپ بولغان ئىدىم ، ئاپام  ئەڭ ئاخىرىدا  سائەت ئىستىرىلكىسىنى سىزىدى، ئاندىن ماڭا قاراپ " سائەتنىڭ  ئىستىرىلكىسى بولمىسا بۇ بىر مۇكەممەل سائەت بولالمايدۇ ،  ئادەممۇ دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇكەممەل  بولۇش ئۇچۇن ۋاقىت ،ئۇمۇر سەرىپ قىلىدۇ "  شۇنداق ، ھىچقانداق نەرسە مەڭڭۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ ، سائەتمۇ كۈنلەر، ئايلار،يىللاردىن كىيىن كونىرايدۇ. ئادەممۇ قىرىيدۇ ،ئاخىرىدا بۇ دۇنيادىن مەڭگۇلۇك خوشلىشىدۇ، شۇڭا ھەر بىر نەرسىنى قەدىرلىشىمىز ،ئاسرىشىمىزكىرەك. قەلبىم يورىغاندەك بولدى.  ئادەم قەدىرلەشكە تىگىشلىك نەرسىنى ۋاقتىدا قەدىرلەش كىرەك ، ئائىلەمدىكىلەر مىنىڭ ئەزىزلىرىم، يىقىنلىرىم مىنىڭ قەدىردانلىرىم ...  
ئاپا مىنى تۇغقان كۇنىڭگە مۇبارەك بولسۇن !
     





339 قېتىم كۆرۈلدى humar ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-10 17:45:22  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-12 21:58:44 دىلخۇمار
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام رەھمەت
2017-3-12 21:58:00 دىلخۇمار
رەھمەت مىنى قوللىغىنىڭىزغا
2017-2-16 18:33:29 ئىلىيار
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ناھايىتى ياخشى يىزىپسەن ...... داۋاملىق تىرىشقىن !!!!!!!
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ