ماي ئېيىدىكى مەيىن شامالدا....

 

ماي ئېيىدىكى سەلكىن شامالدا،

 گۈل-چىچەكلەر تولغان دالاغا.

بىر-بىرىنى قوغلىشىپ غەمسىز،

ئۇچۇپ يۈرەر قۇشلار سامادا.

 

 ماي ئېيىدىكى، مەيىن شامالدا،

بەكمۇ مۇڭلۇق بىر كۈي يىراقتا.

 لىرىكىغا ئايلىنىپ ھەممە،

 سىڭىپ كىتەر بىر-بىرلەپ ئاڭا.

 

 ئۈمىدلەر جۇش ئۇرغان شامالدا،

 ئاشۇ غۇۋا ، يىراق ئۇپۇقتا.

 نىگارىم سەن كىلىۋاتقاندەك،

 قۇچاق ئېچىپ، خوشال سىياقتا.

 

 ۋاقىت ئۈتەر ئوخشاشلا ئەمما،

 قالدىم يەنە مەن يالغۇزلۇقتا.

گۈللەر ئارا جۈپ-جۈپ كىپىنەك،

 خىيالىمغا بۇلىدۇ ھەمرا.

 

سېغىنىشلار تولغان شامالدا،

 ئېھ ، نىگارىم قايدا سەن قايدا.

 ئەتراپىمدا قىپقىزىل گۈللەر،

 شوخ دولقۇنلار يىتەمدۇ ساڭا.

 

 ئاشۇ ئىللىق، سەلكىن شامالدا،

 پەقەت مۇشۇ يۈرەكتىن باشقا.

ئۇنتۇپ گويا قايغۇنى تامام،

 ھەممە نەرسە تولغان شادلىققا.

 

 ئىزچى- (مۇرادىل راخمان)





155 قېتىم كۆرۈلدى izqi1 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-29 17:44:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-7-30 12:00:30
ياخشى
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ