ئۈمىدۋار بول قەلبىم( نەسىر )-تۇرسۇنئاي ئابلىز

 ئۈمىدۋار بول قەلبىم
ئاپتورى : تۇرسۇنئاي ئابلىز


  بىلىمەن قەلبىم ، سەن چەكسىز ئىزتىراپلار ئىلكىدە تۇرۋاتىسەن،جىسمىڭدىكى شۇ كىچىككىنە كەمتۈكلۈك سەۋەبىدىن قانداقتۇر بىر ئازاپلىق ھىس –تۇيغۇ سېنى توختىماي قىينايتى، لېكىن ئۈمىدۋار بول قەلبىم، چۈنكى جىسمىڭ بىر دۇنيا، ئۈزۈڭ يەنە بىر دۇنيا.سەنسىز جىسمىڭ ياشىيالمايدۇ، شۇڭا ئۈمىدۋار بول قەلبىم....
 بۇ دۇنيا شۇنداق سىناق دۇنياسى، سەن تەقدىر ئاتلىق تۇلپارىڭغا مىنىدىڭ،بۇ تۇنجى قېتىم مېنىشىڭ بولغاچقا ئويلىمىغان يەردىن يىقىلدىڭ،يىقىلغاندىمۇ بەكلا قاتتىق يىقلدىڭ، بىلىمەن  جسمىڭ قاتتىق ئاغرىقىتىن تولغىنىپ كەتتى ، بىلىمەن ئازار يىدىڭ،ۋاز كىچىشنى ئويلىدىڭ، ئەمما جىسمىڭ سەندىن ئايرىلسا قارا تۇپراققا مەھكۇم بولىدىغانلىقىنى ئويلىغىنىڭدا ئۆز-ئۆزۈڭگە خىتاب قىلدىڭ، ئۈمىدۋار بولغىن  قەلبىم، سەۋىر قىل قەلبىم!!!
 شۇئان كۆز ئالدىڭغا سېنى سۆيگە ۋە سەن سۆيگەن ئەزىز مىھرىبانلىرىڭ، ئۇلارنىڭ سەن ئۈچۈن قىلغان ئەجىرلىرى، مىھىر-مۇھەببىتى، سەن ئۈچۈن دەريا كەبى ئاققان كۆز ياشلىرى كەلدى. بىلىمەن قەلبىم- سەن ئازار يىدىڭ،جىسمىڭ ئازاپتىن تولغاندى،ئەمما سېنى ھاياتى كەبى سۆيىدىغان قەدىردانلىرىڭنىڭ يۈرىكىدىكى قان زەرداپلىق ئازابى سېنڭكىدىنمۇ كۆپ،ئۇلار پەقەت سېنىڭ خۇشاللىقىڭنى، بەختىڭنى، كۈلكەڭنى دەپلا چىھرىدە ساختا تەبەسسۇم قىپ يۈرىيدۇ، ئەمما قەلبىدىكى شۇ زەرداپ كەبى  ئاچچىق ئازاپلىرىنى كۆز ياشلىرى بىلەن تولغىنىپ ،ئۇيقۇدىن بىدار ئۆتكۈزگەن كېچدىن نەچچىنى بىلىسەن ؟-دەپ باققىنا قەلبىم......سەن پەقەت يۈرەكلىرى سەن ئۈچۈن پارە بولغان ئەزىزلىرىڭنىڭ سۈبھى بىلەن ساڭا قوياش كەبى تەبەسسۇم بىلەن قۇچاق ئاچقىنىنىلا بىلىسەن قەلبىم...شۇ ئەزىزلىرىڭنىڭ ھەقىقى تەبەسسۇمى ئۈچۈن ئۈمىدۋار بول قەلبىم!!!
 ھالسىرىغان، ئاغرىق ئازابىدىن قىينىلۋاتقان شۇ ئاجىز جىسمىڭ بىلەن تۇلپارىڭغا قايتىدىن مىنىدىڭ ، بارىدىغان مەنزىلىڭ مەيلى قانچىلىك يىراق ،ۋە مەيلى قانچىلىك جاپالىق بولۇشىدىن قەتئى ئارقاڭغا قايتىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتىڭ، پەقەت ئالدىڭغىلا ماڭالايسەن ،تەقدىر ئاتلىق ھىچنىمە ئەمەس ،چۈنكى ئۈمۈدۋارسەن قەلبىم،سەۋىرلىكسەن قەلبىم...
توۋا ساڭا بەك ھەيرانمەن قەلبىم ، ئۆزۈڭ مۇشتۇمدەك گۆش تۇرۇپمۇ ، سېنى قىيناپ كەلگەن شۇ دەرت-ئازاپلارنى ئۆزۈڭگە سىغدۇرالىدىڭ قەلبىم.
جىسمىڭ سەندىن سوراۋاتىدۇ –سەندىكى بۇ قۇدرەت نەدىن كەلگەن دەپ...
شۇ دەم سەندىن ياڭراق ئەكىس سادا ياڭرىدى –مەندىكى بۇ قۇدرەت مەن ئۈچۈن قەلبى ئاتەش كەبى يانغان ئەزىزلىرىمنىڭ چەكسىز مىھىر-مۇھەببىتىدىن كەلگەن ، ئۇلۇغ رەببىم مېنى ياراتقانىكەن ، ماڭا شۇ ئازاپلارغا چىدىغۇدەك سەۋىر،چىدام،قۇدرەت ئاتا قىلالايدۇ ،شۇڭا ئۈمىدۋارسەن قەلبىم!!!
نىمانچە سۆيۈملۈك جاۋاپ-ھە!!!
بىلەمسەن قەلبىم ، جىسمىڭ بۇ جاۋابىڭدىن شۇنداق ئۈمىدۋار بول قەلبىم!!!
بىلەمسەن ساڭىمۇ جىسمىڭدىكى شۇ كەمتۈكلۈكىڭنى ئۇنتۇپ ئىچىڭدىن خوشال قاقاقلاپ كۈلىدىغان كۈن نېسىپ بولىدۇ، چۈنكى مەن قەلىب كۆزۈڭدىن سەندىكى ئۈمىدۋارلىقنى كۆردۈم... ئۈمىدۋار بول قەلبىم!!!
 سېنى سۆيگەن ئەزىزلىرىڭ ئۈچۈن ئۈمىدۋار بول قەلبىم!!! چۈنكى ھاياتىڭنىڭ مەناسى شۇ ئەزىزلىرىڭ...
بىلىمەن قەلبىم، سەن ھېلىھەممۇ ئۈمىدۋارسەن ، يەنىمۇ ئۈمىدۋار بولغىن، سېنىڭ ئەتەڭ پارلاق، قۇياش كەبى نۇر چاچقۇسى!!!........
      





621 قېتىم كۆرۈلدى تۇرسۇنئاي ئابلىز ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-20 12:15:20  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-28 11:38:49 ئابدۇسالام توخسۇن
ئۈمىدۋار بول قەلبىم
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ