شۇنداق كېتەركەن دۇنيادىن ئادەم
ئېلىجان ئابدۇكىرەم
بىركۈن كىلەركەن بېشغا ماتەم،
بولسىمۇ ئۆزى سېخى بىر ھاتەم.
ئەجەل كەلگەننى ئۇزىتىپ ئالەم،
شۇنداق كېتەركەن دۇنيادىن ئادەم.
بىرنى ئەزىزلەپ بىرلەردىن قېچىپ،
بىرنى چوڭ بىلىپ بىرنى كەمسىتىپ.
بىردىن دەرت تارتىپ بىرگە دەرت ئەيتىپ،
شۇنداق كېتەركەن دۇنيادىن ئادەم.
بەزىدە كۈلۈپ بەزىدە يىغلاپ،
بىركۈن جاپادا بىركۈنى ئويناپ.
ئۆمۈر ئۆتەركەن ئەتنى ئويلاپ،
شۇنداق كېتەركەن دۇنيادىن ئادەم.
بىركۈن ئېتىزغا مايسلار تېرىپ،
بىركۈن ئۇنىڭدىن ھوسۇللار يىغىپ.
قىلغان ئىشىدىن ئەجرنى ئېلىپ،
شۇنداق كېتەركەن دۇنيادىن ئادەم.
ھەممىز شۇنداق نەپسىمىز ئۈچۈن ،
بولار ئىكەنمىز باغرىمىز پۈتۈن.
لىكىن تەشۋىشتە ئۆتەر كەن ھەركۈن،
شۇنداق كېتەركەن دۇنيادىن ئادەم .
قالاركەن ئۆلسەك سالغان سارايلار،
نى- نى ھەيۋەتلىك قورغان ،قۇرايلار.
گاھى كەمبىغەل گاھى بوپ بايلار،
شۇنداق كېتەركەن دۇنيادىن ئادەم .
ئۈندىدار 2318334127
2016...10..6
59 قېتىم كۆرۈلدى | dlkax | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-6 22:38:36 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|