سۆيگۈ ئارزۇسى ( ناخشا تېكىستى)
جامالىدىن يۈسۈپ يانار
ھەر كۈن سەھەر گۈزەل بىر قىز سۇغا كېلىدۇ ،
سۇغا كەلگەن گۈزەل قىزنى كۆرگۈم كېلىدۇ .
توختاڭ قىزچاق تونۇشقۇم كەلدى سىز بىلەن ،
ئىيتىپ بېرىڭ ئىسمىڭىزنى بىلگۈم كېلىدۇ .
لەيلى -مەجنۇن كەبى ئاشىق يۈرگۈم كېلىدۇ ،
مۇھەببەتنىڭ شېرىن پەيزى سۈرگۈم كېلىدۇ .
ئېگىپ ئاستا ئەۋرىشمدەك بەللىرىڭىزنى ،
لېۋىڭىزگە قانماي قانماي سۆيگۈم كېلىدۇ .
بىر جۈپ ئوتلۇق كۆزىڭىزگە باققۇم كېلىدۇ ،
سىزنى كۈيلەپ ناخشا قوشاق قاتقۇم كېلىدۇ .
خالىسىڭىز ئەي گۈزەل قىز سىز بىلەن بىللە ،
مېھرى -ۋاپا دەرياسىدا ئاققۇم كېلىدۇ .
2017-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇرپان شەھىرى
ئۈندىدار :13999460492
| 95 قېتىم كۆرۈلدى | جامالىدىن يۈسۈپ يانار | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-4 7:12:38 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|