بايغا كەل ،ئانا يۇرتۇم باي بەك گۈزەل
ياپيېشىل يايلاقتا ئوتلايدىغان چارۋىسى بار،
سۈپسۈزۈك سۇلاردا ئوينايدىغان بېلىق بار ،
گۈزەل باغچىلاردا خۇشپۇراقلىق گۈللەر بار ،
بايغا كەل ، ئانا يۇرتۇم باي بەك گۈزەل .
ھوسۇلى بەك كۆپ ، ئېتىزلىرىدا دېھقاننىڭ ،
كەتمەس چىرايىدىن سىماسى كۈلكە خوشلۇقنىڭ،
گەر كەلسەڭ بايغا ئىززىتىنى قىلار مېھماننىڭ ،
بايغا كەل ،ئانا يۇرتۇم باي بەك گۈزەل .
ئالتۇن ،كۆمۈر ، مىس بىلسەڭ بايدا بار ،
ئاشلىق دېسەڭ دېھقاننىڭ سېڭىدا بار ،
زاۋۇت ،شىركەت ،كارخانا يەنىلا بايدا بار ،
بايغا كەل ،ئانا يۇرتۇم باي بەك گۈزەل .
يوللىرى بەك تۈز قاتناشلىرى بەك قولايلىق ،
پاك پاكىزە مۇھىتى ، ھەممە يەر گۈلزارلىق ،
كېلىپ كېتىڭ بايغا سىز تاپىسىز خوشاللىق ،
بايغا كەل ، ئانا يۇرتۇم باي بەك گۈزەل .
ئۈزۈملىرى مەرۋايىتتەك كۆزلىرىڭنى چاقنىتار ،
قىزلىرى بەك چىرايلىق يۈرەكلەرنى ئوينىتار ،
ئوغۇللىرى بەك ئىشچان قوللىرىڭنى گۈل قىلار،
بايغا كەل ، ئانا يۇرتۇم باي بەك گۈزەل .
مۇزات ، قارسۇ ،تەلۋىچۆك دەريالىردا لىق سۇبار،
ئۆي ئۆيلەردە مولچىلىق قازانلىرىدا گۆشلەر بار ،
دېھقاننىڭ ،يېڭى يورۇق ئەمىن ئۆيلىرى بار ،
بايغا كەل ،ئانا يۇرتۇم باي بەك گۈزەل .
بەلكىم يۇرتۇمنىڭ گۈزەللىكىنى تەرىپلىسەم تۈگىمەسلىكى مۇمكىن ، شۇنداق بولسىمۇ مۇشۇنچىلىك يېزىپ قويدۇم ، پىكىر تەكلىپ بولسا قالدۇرساڭلار بولىدۇ .
ئاپتور ،ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
| 74 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-9-30 21:28:30 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|