يىڭى يىل دىگەن شۇنداق كېلىدۇ (شېئىر) - ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجا

يىڭى يىل دىگەن شۇنداق كېلىدۇ (شېئىر)

 ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجا


قولدا قامچا تۇلپارنى مىنىپ,

كونا يىلغا ئۆتمۈشنى بېرىپ,

كۆڭۈلگە قۇت تىلەكنى بېرىپ,

يىڭى يىل دىگەن شۇنداق كېلىدۇ.


 كۈننى ئاتلاپ,ئايلارنى ئاتلاپ,

 قەرەلىگە تۆت پەسل باغلاپ,

يېشىمىزغا بىر ياشنى ئۇلاپ،

يىڭى يىل دىگەن شۇنداق كېلىدۇ.


  شوخ كۈي بولۇپ سازچى قولىدا,

 لەيلەپ لەرزان لەپەر ئۇسۇلدا,

 ئىلھام بولۇپ شائىر قۇرىدا,

يىڭى يىل دىگەن شۇنداق كېلىدۇ. 


 قارشى ئېلىپ شۇڭا ھەر نۆۋەت,

 بارچە خۇشال بولىدۇ قەۋەت,

 خاتىرىدىن ئېچىپ يېڭى بەت,

يېڭى يىل دىگەن شۇنداق كېلىدۇ.


2016/12/29     





299 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجا ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-29 19:55:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-30 14:33:23 خالمۇرات
ئاغىنەم شېئىرىڭ ياخشى چىقىپتۇ،داۋاملىق تىرىش،ئۇتۇق يار بولسۇن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ