يەتمەپتىمەن جان دادا ئەجەپ سىنىڭ قەدرىگە
ئەخەتجان مۇھەممەت (كۆكتال)
بۇ دۇنياغا كۆز ئىچىپ مەن ئوتتۇزغا كىرگىچە ،
يىگىت بولۇپ مەن شۇدەم يەڭنى تولۇق تۈرگىچە.
يەتمەپتىمەن جان دادا ئەجەپ سىنىڭ قەدرىگە ،
بۇ بىشىغا دەرت ئازاپ مىڭ بالالار كەلگۈچە.
كەتمەن چاپساڭ ئىتىزدا مىنىڭ ئۈچۈن تەر تۆكۈپ ،
سال ھەيدىسەڭ بەختىمچۈن قىيانلاردا تىك تۇرۇپ.
كەپتىكەنسەن دەردىمگە تىنىم تاپماي ئاھ ئۇرۇپ،
يەتمەپتىمەن جان دادا ئەجەپ سىنىڭ قەدرىڭگە.
ھەل بولغانكەن سەن بولغاچ مىنىڭ تالاي مۈشكۈلۈم،
تەييار ئىكەن سەن بولغاچ دەريالاردا كۆرۈكۈم.
سەندىن ئەمدى ئايرىلىپ قان قان يىغلار يۈرۈگۈم،
يەتمەپتىمەن جان دادا ئەجەپ سىنىڭ قەدرىڭگە.
ياشانغاندا جىسمىڭغا كىسەل كەلسە ئەگىشىپ،
نادانكەنمەن سەن بىلەن يۈرۈپتىمەن تەگىشىپ.
كايىپتىمەن ئورنۇڭدىن تۇرالمىساڭ تىركىشىپ،
يەتمەپتىمەن جان دادا ئەجەپ سىنىڭ قەدرىڭگە .
قەدرىڭ ئۆتتى ئەجەپمۇ باشقا بالا كەلگەندە ،
دوسلۇرۇممۇ يۈز ئۆرۈپ مىنى تاشلاپ كەچكەندە.
ئەمدى بىلدىم مىھرىڭنى ،سەن دۇنيادىن كەتكەندە ،
يەتمەپتىمەن جان دادا ئەجەپ سىنىڭ قەدرىڭگە.
2017-يىلى 2-ئاي قاغىلىق ( كۆكتال )
ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ
40 قېتىم كۆرۈلدى | kapitan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-11 2:12:59 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-2-17 2:37:59 | قۇندۇزئاي |
سىزنى ئاكا ياكى ئۇكا دېيىشنى بىلمىدىم بۇ شېئرىڭىز ماڭا بەك يارىدى،قايتا قايتا ئوقۇدۇم |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|