ياتقان يېرىڭ جەننەتتە بولسۇن بالام - مەدىنە

         غۇلجا كۆۋرۈكى ئ‍استىدىن تېپىلغان بوۋاقنىڭ خەۋىرىنى ئ‍اڭلاپ ··············
          ··············
ياتقان يېرىڭ جەننەتتە بولسۇن بالام  !
بالام ،سېنىڭ بۇ دۇنياغا ئ‍ەمدىلا كۆز ئ‍ېچىپ ،تىنىپ تىنىپ نەپەس ئ‍ېلىشقا ئۈلگۈرۈپمۇ بولماستىن جەسىدىڭنىڭ مۇدھىش دەريا كۆۋرۈكى ئ‍استىدىن تېپىلغىنىغا ،بىرەر كۆزنىڭ كۈچلۈك قاراپ قويىشىدىنمۇ ساقلىنىشىڭغا تېگىشلىك چېغڭدا بولسا ئ‍ادەم بارماس چاشقان پارازىتلارنىڭ ئ‍ۇۋىسىغا  تاشلانغىنىغا  قاتتىق ئ‍ېچىندىم ! شۇ دەمدە سېنىڭ بىلەن قىلچىلىك قانداشلىقى بولمىغان مەندەك يات بىر ئ‍ادەمنىڭ ساڭا ئ‍ىچ ئ‍اغرىقى قىلىشىغا ھەيرانسەن ھەقىچان .
شۇنداق !  مەن بىر يات كىشى ،  بىز تۇنۇشمايمىز ·بىراق سېنى قەلبىم تۇيۇپ تۇرۇپتۇ ، سەن ئ‍اشۇ ئېغىر گۇناھقا پاتقانلارنىڭ ۋە ياكى قاتتىق موھتاجلىقتا،  ئ‍امالسىزلىقتا قالغانلارنىڭ  پەرزەنتىدۇرسەن بالام !
لېكىن مۇھەببەتنىڭ چىگراسى يوق ئ‍ىدى ، مۇھەببەتنىڭ كۆزى يوق ئ‍ىدى ·ئ‍ۇلار سېنى تاشلاپ كېتىشنى تاللىمىغان بولسا ئ‍ىدى بەلكىم باشقىچە ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلالىغان بولاتتى !
كەچۈرىۋەتكىن بالام ،بۇ دۇنيانىڭ ئ‍ادىلسىزلىقىنى ، كەچۈرىۋەتكىن بالام سېنى بۇ دۇنياغا ئ‍اپىرىدە قىلىپلا ئ‍ىللىق باغرىغا باسماستىن مۇدھىشلىققا بەنىت قىلغانلارنى ····
ياتقان يېرىڭ جەننەتتە بولسۇن بالام ! ئ‍ۇ يەردە مۇھەببەت بار ، نەپرەت يوق ، ساداقەت بار ۋاپاسىزلىق يوق ، ئ‍ارازلىقلارمۇ يوق! ئ‍ەڭ مۇھىمى ۋىجدانسىز ئ‍اتا ئ‍اناڭ يوق !  مەمنۇنىيىتىم شۇ بولدىكى ئ‍اللاھنىڭ سېنى ئ‍ۆز ھۇزۇرىغا تاللىغىنى بولدى بالام !
بالام ، ئ‍اغرىنماي كېتىپ قالغىن ، رەنجىمىگىن بۇ دۇنيانىڭ شۇنچە سوغاقلىقىدىن ،چۈنكى بۇ دۇنيا ئ‍اللاھ ياراتقان چاغدىكىدەك گۈزەل ئ‍ەمەس بەلكى ئ‍ىنسانلارنىڭ خىيالىدىكى خەرىتىسىدە سىزىلغىنىدەك ئ‍ايلانماقتا ! شۇنىڭ ئۈچۈن رەنجىمىگىن بالام !
ئەگەر  سەن  ماڭا پەرزەنت بولۇپ كۆز ئ‍اچقان بولساڭ ئ‍ىدى ،سېنى چوقۇم ئ‍اسرار ئ‍ىدىم ، مىھرىم بىلەن سۆيەر ئ‍ىدىم بالام ، سېنى مۈرىلىرىمگە ئ‍ېلىپ كۈتۈرەر بولاتتىم   ، ئ‍انىلىقنى خانىشلىق دەپ بىلسەم  ، سېنى  تەختىمنىڭ زىننىتى ، زەر - گۆھەر تاجى بىلىپ قەدىرلەيتتىم بالام  !
بالام ياتقان يېرىڭ ئ‍اللاھقا يېقىن بولسۇن ، كۆڭۈللىرىڭ جەھەتتىن سۇ ئىچىپ ياشنىسۇن ، سېنىڭ يەنە بىر تۆرەلمىشىڭ بولغىنىدا ئ‍ىدى ،  ئ‍ىشەنسەڭ ئ‍اللاھقا مۇراجىئەت قىلىپ سېنى ئ‍ۆزۈمگە پەرزەنىت قىلىۋالغان بولاتتىم !
رەنجىمەي كەتكىن بالام ، ياتقان يېرىڭ جەننەتتە بولسۇن !  
2016يىلى -10ئاينىڭ -28-كۈنى
     





118 قېتىم كۆرۈلدى مەدىنە ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-28 12:38:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ