يورۇق

يورۇق

 

 چىقاي دېدىم بەيگە تامان،

 قارا ئېتىم لېكىن ئورۇق.

 تاغ داۋانلار قەھرى يامان،

 بارار جايىم بەلكىم يورۇق.

 

 يىگىت بولدۇم بالا ئىدىم،

 نى يىقىلىپ نى دەست تۇرۇپ.

 ھەر قەدەمدە بىر مۈشكۈلات،

 ئىگەم باردۇر قەلبىم يورۇق.

 

بىرلەر دېدى ئاقنانچىسەن،

 بىرلەر دېدى بەك ياراملىق.

 كۆزلەر قانداق كۆرسە مەيلى،

 ھەر يولۇمدا چىراغ يورۇق.

 

ئارمىنىم يوق ئانام رازى،

 ئاتام رازى بولسا مەندىن.

تۆۋبىلىرىم مەقبۇل بولسا،

 ياتار جايىم گۆرۈم يورۇق.

 

 ئىسرافىل مۇھەممەت

 2015_يىلى7_ئاينىڭ4_كۈنى





149 قېتىم كۆرۈلدى israfil ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-2 1:01:42  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-2 2:02:31 guljamal
bu xeer bak yahxi yizliptu tihimu tirxig
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ