گۈزەل شىنجاڭ چىرايلىق خوتەن

         گۈزەل شىنجاڭ،چىرايلىق خوتەن


مۇھەممەدتوختى سەببەت 



ۋەتىنىمنىڭ غەرىبىدە چاقنار،
مەرۋايىتتەك كۈلۈپ گۈل شىنجاڭ.
پەخرىمدۇر ئۇ،ھۆرمىتىم ئاشار،
ئەل باياشات،بايلىق مول شىنجاڭ.


ئانا دەريا سالىدۇ شاۋقۇن،
قەدىمي يۇرت گۈزەل غۇلجىدا.
ئوت ھارارەت پۈركۈيدۇ يالقۇن،
تۇرپان ئويمانلىقى قوينىدا.


چۆل باغرىدا  جۇلالاپ چاقناپ،
قاراماي ۋە مايتاغ ياتىدۇ.
باغرىدىكى بايلىق بىھىساپ،
قاماشتۇرۇپ كۆزنى چاقىدۇ.


بوغدا،قاناس،سايرام كۆللىرى،
تىلسىماتتەك دىلنى رام قىلار .
كۈنەس،نارات يايلاق-تاغلىرى،
رەڭدار سۈرەت -گۈلنى جەم قىلار.


يۇرتىمىزنىڭ كۆزى ئۈرۈمچى،
زامانىۋىي قايناق بىر شەھەر.
تەرەققىيات،يۈكسىلىش كۈچى،
ئاتا قىلىپ  كەلمەكتە  زەپەر!


ۋەتەندىكى ئون گۈزەل يۇرتنىڭ،
بىرى دەل شۇ- كورلا دىيارى.
كرورەن قىزى  سالغان شۇ  ئوتنىڭ،
بېسىلمايدۇ ئەسلا خۇمارى.


ئاقسۇ ،كۇچا  كۆسەن دۆلىتى،
قەدىم ئىزلار بۇندا بەك تولا.
دىللار ئارا باردۇر ھۆرمىتى،
ئاتا قىلار دىلغا نۇر- جۇلا.


 ئاتۇش-سۇلتان سۇتۇق ماكانى،
كىچىككىنە  يۇرتنىڭ  داڭقى زور.
مەرىپەتنىڭ بۆشۈكى-كانى،
مۇسابايلار  نامى ئەلگە پۇر!


قەدىم قەشقەر تۇرىدۇ چاقناپ،
ئاۋات شۇنچە ھېيتگاھ مەيدانى.
خەلقى خۇشخۇي، چېھرى نۇر ئاپتاپ،
كۈلگەچ بۈگۈن ئارزۇ-ئارمانى.


 بارخان قوينى يېشىللىق ماكان ،
 يۇرتۇم خوتەن -شۇنچىلىك گۈزەل.
جاپاكەش خەلق ئۆزى ياراتقان-
مۆجىزە كۆپ،بۈگۈن ھەممە تەل!


"ئۈچ گۆھەر"نىڭ داڭقى تارالغان،
جاھاندىكى بارچە  ئىقلىمغا.
شۇڭا چىۋەر ماھىر ئاتالغان،
كۆز تەگمىسۇن گۈزەل يۇرتۇمغا!


ۋەتەن ياخشى-ياخشى سىياسەت ،

يۇرتۇم ئىناق،مىللەتلەر قوشماق.
ياردۇر  ئەلنىڭ  بەختىگە نۇسرەت ،
بۇرچىمىزدۇر ئۇنى قوغدىماق!


گۈزەل شىنجاڭ،چىرايلىق خوتەن،
 يۇرتۇم مېنىڭ- باياشات ماكان .
كاپالەتكە ئىگە  ئەل-ۋەتەن،
ئىناقلىقتىن ياسىساق قورغان!



2017-يىلى6-ئاينىڭ 16-كۈنى(سەھەر،خوتەن-جىيا)
     


     





63 قېتىم كۆرۈلدى tuntekin ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-16 13:06:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ