كۇنلەر مەنىسىز ئەمەس - ئابلىمىتجان ۋاھاپ

كۇنلەر مەنىسىز ئەمەس

ئابلىمىتجان ۋاھاپ (تەنھا تۇرنا )

تۇنلەر ئايدىڭ ئەمەس،يالغۇز قالغاندا،
كۆزلەر قايغۇ ئەمەس،يامغۇر ياققاندا.
تەنلەر مۇزدەك ئەمەس،كۆڭۇل يانغاندا،
كۇنلەر مەنىسىز ئەمەس،يارغا باققاندا.

شىۋىرغان چىقسا كۆڭۇل بىغىمدا،
مىۋىلەر تۇرماس ئاشىق شىخىدا.
سىمايىڭ ئۆچمەس ھىجران دىلىمدا،
كۇنلەر مەنىسىز ئەمەس ياشلىق چىغىمدا.

موزىكا ھەمراھىمدۇر مىنىڭ دىلىمغا،
ياڭرايدۇ ناخشىلار ھايات تىخىمدا.
ھەسىرەتلەر تامچىلار شىرىن تىلىمدا،
كۇنلەر مەنىسىز ئەمەس ئىسسىق قىنىمدا.

ئىيتىپ ناخشا بولۇپ خۇشال ئوينىغىنىمدا،
شىۋىرغان كىلىپ شىر كەبى توۋلىغىنىدا.
كەتمەي تۇرۇپ باھار جاھان مۇزلىغىنىدا،
كۇنلەر مەنىسىز ئەمەس كۆڭۇل بىغىمدا.
     





77 قېتىم كۆرۈلدى tanhaturna ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-8 14:11:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ