سېنى شۇنداق سېغىندىم بالام (نەسىر) - ماھىنۇر ئابدۇرھېم

سېنى شۇنداق سېغىندىم بالام (نەسىر)

 ماھىنۇر ئابدۇرھېم


   مانا بۈگۈن سىنىڭ  كەتكىنىڭگە يەتتى ئاي  ئون  كۈن بوپتۇ .ماڭار چېغىڭدا خوش  -ئاپا،دادا  مەندىن  خاتىرجەم بولۇڭلار ،ئۆزۈڭلارنى ئاسراڭلار دەپ  مەردانا قەدەملىرىڭ  بىلەن چوڭ ،چوڭ چامداپ ۋوگىزال ئىچىگە كىرىپ كەتتىڭ ،سەن  كىرىپ  كەتتىڭ  بالام  مەن ئاكاڭ ،داداڭ  ئۈچىمىز  سېنىڭ قاراڭ  يۈتكىچە  قاراپ  تۇردۇق .ساڭا قىيالمىدۇق ،لىكىن ئۆز مەنزىلىڭ ئۈچۈن كىتىۋاتساڭ  نىمۇمۇ  قىلالايمىز بالام !ئامال  يوق  ساڭا  ئاق  يوللار  تېلەپ  بىز قالدۇق،سەن كەتتىڭ .ئەمما مېنىڭ روھىمنى بىللە  ئىلىپ  كەتتىڭ .سەن كەتكەن  شۇ  دەقىقىلەردە مەن ئاۋازىمنى قويىۋىتىپ  يىغلىيالمىدىم،ھەم يىغلىيالمايتىم.داداڭ  بىلەن ئاكاڭ  مىنىڭ  سەن ئۈچۈن ياش  تۆكۈشۈمنى خالىمايتى.ئۇلار ھەمىشە بالىمىز ئوقۇشقا  ماڭدى ،ئۆز ئارزۇلىرىغا  يىتىش  ئۈچۈن  ئىستىقبال  ئىزدەپ  ماڭدى .-نىمىگە يىغلايسەن ؟دەپ مېنى زادىللا  يىغلاتمايدۇ .ئەمما مەن ئۇلاردىن يۇشۇرۇن ھەر كۈنى يىغلايمەن،سىنى سىغېنىمەن ، بالام نىمە  يىگەندۇ؟ ساۋاقداشلىرى بىلەن چىقىشىپ  ئۆتىۋاتامدىغاندۇ؟دەرىسلەرگە  يىتىشەلەۋاتامدىغاندۇ؟دەپ  سېنىڭدىن ئەنسىرىگىنىم ئەنسىرىگەن . ھەر  قىتىم  سىنىڭ  بىلەن تىلىفۇندا كۆرۈشكەندە گەرچە  مېنىڭ  ھەممە  سوئاللىرىمغا  مېنى  خاتىرجەم قىلىپ  بەرگەن  جاۋاپلىرىڭغا  ئېشەنسەممۇ  لىكىن  سىنىڭدىن يەنىلا ئەنسىرەيمەن ،سېغىنىمەن ،ئەسلەيمەن ئوغلۇم ! تۈنۈگۈنكىدەكلا ئېسىمدە :سەن ھەر قىتىم مەن  چوقۇم چوڭ ،چوڭ شەھەرلەردە  ئوقۇيمەن دەيتىڭ ، شۇ ئارزۇلىرىڭ ئۈچۈن بىزنى ئۇخلاۋىرىڭلار دەپ كېچىچە ئۈگىنەتتىڭ،ئىشلەيتىڭ  ھارمايتىڭ ،ئاخىرى ئىچكىرى تولۇققا ئىمتاھان  بىرىپ  ئۆزۇڭ  ئارزۇ  قىلغان  شاڭخەيگە  كەتتىڭ ، سەن كەتتىڭ  ،لىكىن  مەن  سەندىن  ئايرىلىپ  قالدىم .مېڭېش ئالدىدا سەن خۇددى  چوڭ  ئادەملەردەك  -ئاپا نىمىشقا   يىغلايسەن؟ بىر يىل دىگەن بىردەمدە  توشمامدۇ  مەن بىردەمدىللا كىلىمەن دىگەنىدىڭ ! قىنى شۇ  بىردەمدە كەلگىنىڭ ؟ۋاقىت  ماڭا  خۇددى توختاپ   قالغاندەك زادىللا ئالدىغا ماڭمايۋاتقاندەك بىلىنمەكتە!  سىنى  شۇنداق  سېغىندىم  ئوغلۇم ! ئەۋەتكەن  سۈرەتلىرىڭگە قارىسام  شۇنداق  كىلىشكەن يىگىت  بوپسەن ،سېنى يامان كۆزلەردىن نېرى  قىلسۇن ئوغلۇم ،سەن  مېنىڭ  ھاياتىمنىڭ  داۋامى،داداڭنىڭ ئېزباسارى سەن ، ئوغلۇم بىلىمەن بىزگە  چاندۇرمىغىنىڭ  بىلەن  سەنمۇ  بىزنى  سېغىندىڭ ، لىكىن ئۆز غايەڭ  ئۈچۈن  ھەممىگە كۆنىۋاتىسەن ،چىداۋاتىسەن ئەقەللىق ئوغلۇم ! بارىكاللا سېنىڭ  غەيرىتىڭگە ،بارىكاللا  سېنىڭ يۈكسەك ئېرادەڭگە !گەرچە  سېنى  سېغىنىپ يۈرۈگۈم ھەر  كۈنى يىغلىسىمۇ  مەن  چىدايمەن .ھەم ساڭا  ئىشىنىمەن ،سەن ئۆز مەنزىلىڭگە يىتىش ئۈچۈن چاپچىۋاتقان ئىزباسارىمسەن! سەن بىزنىڭ ئىپتىخارىمسەن!تىرىشقىن …بەخىت  ھامان تىرىشقانلارغا تەتۈر  قارىغان ئەمەس ، يەنە بەش ئايدىن كىيىن جەم بولىمىز ئوغلۇم !مەن  شۇ  دەقىقىلەرنى  تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتىۋاتىمەن ،كۆزۈمنىڭ  قارىسى  ،يۈرۈگۈمنىڭ پارىسى بالام! بىلىمەن سەن سەپەرلىرىڭدىن زەپەر  قۇچۇپ كىلىش  ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتىسەن ،سېغىنىشلىرىڭنى كۈچكە  ئايلاندۇرىۋاتىسەن ! جىنىم ئوغلۇم ،ئەقلىڭگە ئەقىل،ئېرادەڭگە كۈچ  قۇدرەت  يار  بولسۇن ئامان  ئېسەن كۆرۈشكىلى  نىسىپ  بولغاي،سېنى  شۇنداق  سېغىندىم ئوغلۇم!

     





325 قېتىم كۆرۈلدى ماھىنۇر ئابدۇرھېم ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-21 23:57:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ