كىسەل كارۋىتىدا

كىسەل كارۋىتىدا

 

ئولتۇرىمەن دېرىزىدىن كۆككە قاراپ،

 تۇرار شاختا يالغۇز بىر قۇش دەردلىك سايراپ.

كەلگىنىدەك گويا كەچ كۈز چۈشەر ياپراق،

 چىقىپتىكەن مەيىن شامال ئەسلى يامراپ.

 

سەزمەپتىمەن شۇنچە تىزلا بۇلۇپتۇ كەچ،

 خىياللىرىم ئاللىقاچان كەتكەچ تاراپ.

غېرىپلىقتا ئۆتتى يەنە كۈنۈم بىراق،

بارالمىدىم دوسلار قاشى، يۈرەك چارچاپ،

 

قىيىن ئىكەن تارىتماق كىسەل ئازابىنى،

لىكىن نەزمەم قالماس مەندەك ھىچ ھالسىراپ.

 سۆزلىيەلەي قانداق كۆڭۈل ھەسرىتىمنى،

تاغ كەينىدە قۇياش نۇرى تۇرسا ماراپ.

 

 --م، ئىزچى 4-ئاۋغۇسىت





138 قېتىم كۆرۈلدى izqi1 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-4 17:49:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ