ئىتلار قاۋاۋەرسۇن، كارۋان يولىغا راۋان (نەسىر) - ئادىلە كۈرەش

 ئىتلار قاۋاۋەرسۇن، كارۋان يولىغا راۋان
  ئادىلە كۈرەش 


ئۇلار سۆزلىشىدۇ،كۈلسەڭ سۆزلەيدۇ كۈلىۋاتىدۇ دەپ.يىغلىساڭ سۆزلەيدۇ ياش تۆكتى  دەپ .خۇشال بولساڭ خۇشاللىقىڭ ئۇلار ئۈچۈن غەلىتە،ئازاپلانساڭ ئازاپلىرىڭ ئۇلارنى ھەيرانۇ-ھەۋەس قالدۇرشىدۇ .ھېچبىر سەۋەبىنى ئويلىماستىن ،ھېچبىر تەسىرىگە كۆڭۈل بۆلمەستىنلا سۆزلەيدۇ .
ئۇلار سۆزلىشىدۇ.ئالدىغا ئالدىرساڭ كىەينىڭدە تۇرۇپ گەپ تېپىشىدۇ،ساڭا يېتىشەلمەيۋاتسىمۇ.كەينىدە ئۆز سۈرئىتىڭ،ئۆز پىلانىڭ،ئۆز نىشانىڭ بىلەن مېڭىۋاتقىنىڭدا ئالدىڭدا كېتىۋاتقىنىنى ئالەمچە تونۇپ مەنسىتمەيدۇ،ئالدىڭدا بولسىمۇ ئۆز سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ ھەتتا توختاپ قېلىۋاتقانلىقىغا ئېرەن قىلماستىنلا.
ئۇلار سۆزلىشىدۇ.تەۋەككۈلچىلىك بىلەن   ئىلگىرلەشنى،كۆتۈرلۈشنى،ئارزۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىيەت قىلىپ ئۈستىگە يامىشىۋاتساڭ،ئاستىدا تۇرۇپ باشلىرىنى كۆتۈرەلمىگەنلىكىدىن ،بېشىنى كۆتۈرۈپ سېنى كۆرەلمىگەنلىكىدىن ياماشقىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن خاتا .پەستە خاتىرجەملىكىڭدىن رازى بولۇپ،ئېرىشىۋاتقان نىسىۋەڭگە شۈكرىلەر ئېيتىپ تۇرىۋاتساڭ ،ئۈستىگە ياماشمىغىنىڭ،شۇ ھالدىكى خاتىرجەملىكىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇلار يەنە سۆزلەيدۇ،ھېچبىر ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلىيەلمەستىنلا.
چۈنكى ئۇلار خەق  
خەق بولمىسا ئىدى ،كۈلكىلىرىڭ ئۈچۈن سەن بىلەن تەڭ خۇشال بۇلۇپ ،يىغلىغىنىڭدا يېشىڭنى سۈرتەلمىسىمۇ ،ھېچ بولمىغاندا قەغەز سۇنار ئىدى .
خەق بولمىسا ئىدى ،ھاياجانلىرىڭدا ساڭا بەخىت تىلەپ ،ئازاپلىرىڭدا نەشتەردەك سۆزلىرى،قەھرىتان قىشنى ئەسلىتىدىغان كۆزلىرىنى ئەمەس ،مېھىرلىك قوللىرىنى ئۇزىتار ئىدى .
خەق بولمىسا ئىدى ،ئىلگىرلىگىنىڭ ئۈچۈن مەدەت تىلەر،بەرىكەت تىلەر،توختىۋالغانلىرىڭدا  ئۆزى بىلەن تەڭ ئالدىغا ئىتتىرەر ،تۇرىۋاتقانلىرىڭغا تېخىمۇ خاتىرجەملىك بىلەن ئاسايىشلىق تىلەر ئىدى .كۆتۈرۈلسەڭ سەن بىلەن تەڭ كۆتۈرلۈپ يولداش،سىرداش بولار،ئۆزى كۆتۈرەلمىگىنىدە سېنىڭ كۆتۈرۈلىنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاددى ئەمما ئەڭ مۇھەببەتلىك چاۋىكىنى سەندىن ئايىماس ئىدى .ھالىڭغا يامان كۆزلەر يىراق بولۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلار ئىدى ھەرگىزمۇ يامان كۆز ،يامان سۆزلىرنى   ساڭا قاراتماس ئىدى .
ئەگەر ئەرزىشتىن سۆز ئېچىش توغرا كەلسە ،خۇرسەنلىكىڭنى غالىپلارچە بىلدۈرگىن.خۇرسەن بول،ئۇلارنىڭ قىسقىغىنە ھاياتىنىڭ شۇنچە قىممەتلىك ۋاقىتلىرى ئىچىدىن سەن ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىشىنى ئەرزىيدۇ ،دەپ بىلگەنلىكى ئۈچۈن.بىراق سەن ئەرزىتمە،ئۇلارنىڭ ئاساسسىز،نادانلارچە سۆزى ئۈچۈن ئېتىبارىڭنى قارىتىش ئەسلا ئەرزىمەس .ئۇلارنىڭ تىكەن كەبى  گەپلىرى ئۈچۈن دىلىڭنى يارا قىلىش ئەسلا ئەرزىمەس .ئۇلار ئۈچۈن ئالتۇن مىسالى ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىش ئەسلا ئەرزىمەس .
ئىتلار قاۋاۋەرسۇن،ئۇلار مىسالى ئىت .كارۋان يولىنى داۋاملاشتۇرسۇن،سەن گوياكى كارۋان.
ئەگەر مىننەتدارلىقتىن سۆز ئېچىش توغرا كەلسە ،ئالىيجاناپلارچە مىننەتدار بول .چۈنكى ئىتلار قاۋىشى بىلەن سېنى سەگەكلەشتۈرىدۇ،كىم سېنىڭ ئارقاڭدا ،كىم سەنچىلىك ئەمەس ،كىم ساڭا يەتمەيدۇ.ئېسىللارچە مىننەتدار بول،چۈنكى ئىتلار قاۋىشى بىلەن ساڭا ئايان قىلىدۇكى،سەن ئاددىي بىر ئىنسان ،ھەممە ئادەمنىڭ سېنى ياقتۇرىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس .شۇنداقلا چىقىدۇكى،سەن بىلەن بىر يولدا ئەمەس شۇنداق بولسىمۇ ئەيمەنمەستىن شالاقشىيدىغان ،چۈنكى ئۇلار ھەقىقى مەنىدىكى خەق .
ئېسىڭدە تۇت قېرىندىشىم ،ئىتلار قاۋاۋەرسۇن ،كارۋان يولغا راۋان.





167 قېتىم كۆرۈلدى aDiLam ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-11 17:07:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-14 13:15:12 FaRuh
人生在世,干嘛管那么多,不要太在意别人的话,当他们评论你的时候,他们已经输给你了。
2017-4-14 13:13:36 Ayxaaaaa
写的特别好,继续加油,看好你哦。第一次看你的作品感觉好棒, 期待你更多的作品
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ