ئۇيغۇرۇم - رىزۋانگۈل (مودەن)

 ئ‍ۇيغۇرۇم
رىزۋانگۈل (مودەن) 


ئ‍ەي ئ‍ۇيغۇرۇم ئ‍ويغان ئ‍ۇيقۇدىن ،
نەزەر  دۇنياغا ئ‍اچقىن كۆزۈڭنى. 
غەپلەتتە ياتمىغىن ئ‍ويغانغىن تىز،  
 ئ‍ەۋلاتلار ئ‍الدىدا تۆكمە يۈزۈڭنى.

ئ‍ەجدادىڭ ياراتقان  مىراسلارنى سەن ،
ياستۇق قىلىپ ياتمىغىن كۆتۈر بېشىڭنى.
ئ‍ۇزاقتۇر ئ‍ەسلى يول ،ئ‍ۇزاقتۇر مەنزىل،
خاراپ قىلما بىھۇدە، ئ‍ۆز -ئ‍ۆزۈڭنى.

ئ‍ۇيغۇرۇم ئ‍ەسلىدە ئ‍ۇيۇشقاق ئ‍ىدى،
ئ‍ەپسۇسكى بوپ قالدى ئ‍ۇرۇشقاق مىللەت.
دىللاردىن  يۇقالدى مىھر-مۇھەببەت،
ئ‍اھ-!قاچان يۇقىلار بىزدىكى ئ‍ىللەت.

ئ‍ۇيغۇرۇم ئ‍ەسلىدە ئ‍ىلىمگە تەشنا،
مەرپەت ئ‍ىزلەيتتى ئ‍ۈگۈنۇپ ھارماي،
ھەتتاكى ئ‍اشاتتى دېڭىز،داۋاندىن،
مۇشكۈللەر ئ‍الدىدا يالتىيىپ قالماي.
ۋەلىكىن كىملەرنىڭ كۆزى تەگدىكىن؟،
نادانلىق ئ‍ىلكىدە ياشار ھار ئ‍الماي!.
2016-يىل،مايتاغ
     





93 قېتىم كۆرۈلدى رىزۋانگۈل (مودەن) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-9 16:41:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-10 15:12:52 مۇھەممەد ئەركىن
بۇ شېئىرنىڭ بەزى جايلىرى باغلاشماي قاپتۇ . مەسلەن نەزەر دۇنياغا ئاچقىن كۆزۈڭنى . بۇ بىر چۈشىنىكسىزلا گەپ بولۇپ قاپتۇ . يەنە نۇرغۇن مەسىللەر ساقلانغان ،تۇراق دېگەندەك .
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ