ئۈگەن ئاكا ئۇسىز ياشاشنى
ئالىمجان تۇرسۇن ئاكامغا خەت
زىيا بىلىگ يۇلتۇزى
ئۈگەن ئاكا ئۇسىز ياشاشنى ،
ئۇ بولمىسا بۇ بار ئەمەسمۇ…
چەكمە ئەمدى ئاچچىق ئىزتىراپ ،
خالىق رەببىڭ قادىر ئەمەسمۇ…
قارا ئوماق سىڭلىڭ يىنىڭدا ،
ئۇ ئاللاھنىڭ ئەركە بەندىسى .
كۆپلەپ دۇئا قىلىدۇ ساڭا ،
تىلەپ دائىم ئاكىسنىڭ بەختى .
سەن ئەسلىدە ئىسىل بىر كىتاپ ،
ساۋاتسىزكەن دىدىم ئۇلارنى .
ئۇچراتمايدۇ ھايات يولىدا ،
يەنە سەندەك ئىسىل كىتاپنى .
ئۈگەن ئاكا ئۇسىز ياشاشنى ،
ئۆزگەرمىسۇن سەندىكى نىشان .
غەمكىن تۇرساڭ سىڭلىڭغا ئازاپ ،
بولما ئەمدى غەمكىن پەرىشان .
ئۇنى دەپلا چەكمىگىن ئازاپ ،
بىلگىن يىڭى قەدەم باشلاشنى .
ئەڭ ئىسىلى بولىدۇ نىسىپ ،
ئۈگەن ئاكا ئۇسىز ياشاشنى .
چۆرىۋەتكىن ئەمدى ئازاپنى ،
ئۈگەن ئاكا ئۇسىز ياشاشنى …
قەلەمدە : زىيا بىلىگ
| 155 قېتىم كۆرۈلدى | زىيا بىلىگ | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-1-26 14:25:42 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|