تۇرپان تۇرسا تونۇردەك (”ت“ ھەرىپلىك شىئېر) - تۇرغۇن راخمان

تۇرپان تۇرسا تونۇردەك
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

تاتلىق تاۋۇز تېرىسام،تارتىۋالدى تالىشىپ،
تونۇشمامدۇق تۇققانلار،تويلىرىڭدا تۇرۇشۇپ،
تونىۋالسۇن تويچىلار،تۇرىۋالغان تۇققاننى،
تويلىرىڭدا تور توقۇپ،تۇرىۋالدى تولغۇنۇپ.

تاپالماپتۇ تويلۇقمۇ،تونىمامدۇ تۇققاننى،
تويدۇرامسەن تويۇڭدا،تۇققانلاردەك تۇرغاننى،
تاپالمىساق تەمبۇرنى،تويلىرىڭدا تۇرامدۇق،
تويلىرىڭدا تۇرساقمۇ،تاپالمىدۇق توقاچنى.

تەشۋېشلەنمەي تۇرغىنە،تۇرمىدۇققۇ تەرتىپسىز،
تونىمىغان توييلاردا،تۇرغاچقىلا توڭلايمىز،
تۇرپانلىقلار تۈزۈتلۈك،توخسۇنلۇقلار تەرتىپلىك،
تونىمىدىم تۇققانلار،تەكشۈرمەڭلار تۇيۇقسىز.

تۇرپانلاردا تونۇرلار،تۇزسىراپتۇ توختامدۇق،
تاپالمىساق تۇزلارنى،تەمتىرەپلا تۇرامدۇق،
تونۇرلارنى تۇزلاشقا،تۇتىۋالدى تۇققانلار،
تومۇزلاردا،تۇزلۇقتا،تونۇردەكلا تۇرامدۇق.

تۇرپان تۇرسا تونۇردەك،توڭلىمايمىز تۇققانلار،
تۇرمۇشىمىز تەرتىپلىك،تارتىنماڭلار تۇققانلار،
تونۇرلاردا توقاچلار،تېتىپ تۇرۇڭ تۇرغۇزماي،
تويلىرىمىز تەمبۇرلۇق،تارتىنىشىپ تۇرماڭلار.

تەڭلىمەڭلار تويلۇقلار،تاپالمىساڭ تويلۇقنى،
تۇرپاندىكى تۇققۇنۇڭ،تەكشۈرمەيدۇ تويلۇقنى،
تويلاردىكى تۇققانلار،تۈزۈتلەردە تۇرماڭلار،
تونۇشتۇرۇپ،تۇرۇشماي،تۇتۇشىڭلار توقاچنى.
     





113 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-17 14:46:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ